ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىرېلاندىيىلىك ياش ئانا ئۇخلىغان پېتى ئويغىنالمىدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-03 08:46

«قۇياش گېزىتى»نىڭ 2-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي ئىرېلاندىيەدىكى بىر ياش ئانا سىرتقا دەم ئېلىشقا چىقىپ كېتىپ، دەم ئېلىش جەريانىدا ھېچبىر بېشارەتسىز ئۇيقۇدا ئۆلۈپ كەتكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەينى چاغدا 23 ياشلىق ئەمىي كاننا، ئاچا-سىڭىل تونى ۋە ئەلىسىنلار بىلەن بىللە دەم ئېلىشقا بارغان بولۇپ، 20-ئاۋغۇست ئۇلار بىللە ئاپتاپقا قاقلىنىپ بولۇپ ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ھۇجرىسىغا قايتىشقان.

 



26 ياشلىق تونى شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئىشنى ئەسلەپ مۇخبىرغا: «بىز ئاۋۋال بىللە سۇ چۆمۈلگىلى باردۇق، ئاندىن ياتاققا قايتىپ كەلدۇق. ئەمىي يۇيۇنۇپ بولۇپ ئۇخلىدى».


تونى: «مەن بالكونغا چىقىپ ئازراق بەرەڭگە ياپراقچىسى يېگەچ ئارام ئېلىپ ئولتۇردۇم، بىردەمدىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كىرگىنىمدە ئەيمى مىدىر-سىدىر قىلماي كارىۋاتتا ياتاتتى. بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش، نېمىشقا بۇنداق بولغىنىنى بىلەلمىدىم» دېدى. نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرى ئۆلۈش سەۋەبىنى تېخى ئېنىقلىيالمىدى.

تونى ئەمىينىڭ ئادەتتە ھەرقانداق كىشىگە دوستانە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، مىجەزى ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، باشقىلار بىلەن ناھايىتى تېزلا دوست بولۇپ كېتەلايدىغانلىقى، ئەمىينىڭ بۇ خاراكتېرىنى دوستلىرىنىڭ بەكمۇ ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىبىشا تاغ ئارامگاھى خىزمەتچىلىرى ئۇلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇشۇپ بەردى، ئۇلارنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىدى، يەنە ئۇلارنى لوندوندا ھەقسىز مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.

بۇ ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئەيمىنىڭ ئائىلىسىدىكلەر سىرتتىن نۇرغۇن تەسەللى ۋە قوللاشقا ئېرىشتى. تونى: «مەن ئالاقە تورىدا 1000دىن ئارتۇق قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالدىم، تورداشلار ماڭا تەسەللى بېرىپ دەستە-دەستە گۈل، ھال سوراش كارتىسى ۋە باشقا ھەر خىل نەرسىلەرنى ئەۋەتىپتۇ، كىشىلەرنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى».



ئەمىي ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قىزى، ئاتا-ئانىسى ۋە ئۈچ قېرىندىشى ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. ئۇلار ھال رەڭلىك جەسەت ساندۇقى ياساتقۇزۇپ ئۈستىنى ئالماس بىلەن بېزىدى ھەمدە ئۈستىگە «مەلىكە» دېگەن خەتنى ئويدى.

ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە ئۇلار ئۈچۈن بىردىنبىر، ئەڭ قەدىرلىك بولغان ئەيمىنى ئىمكانقەدەر ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئۇزىتىپ قويۇشنى ئويلايدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىرېلاندىيىلىك ياش ئانا ئۇخلىغان پېتى ئويغىنالمىدى

«قۇياش گېزىتى»نىڭ 2-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي ئىرېلاندىيەدىكى بىر ياش ئانا سىرتقا دەم ئېلىشقا چىقىپ كېتىپ، دەم ئېلىش جەريانىدا ھېچبىر بېشارەتسىز ئۇيقۇدا ئۆلۈپ كەتكەن.