ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىرامپنىڭ «تەتۈر ئېشىش» پۇرسىتى كەلدىمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 10:12

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى قارىماققا ئاخىرلاشقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن بايدېن بىلەن تىرامپنىڭ كۈرىشى يەنىلا داۋاملاشماقتا، تىرامپ ئىزچىل يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مەغلۇبىيەتنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىرامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن پائال ھەرىكەت قوللاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك بولماقتا، قارىغاندا تىرامپنىڭ «تەتۈر ئېشىش» پۇرسىتى كەلگەندەك قىلاتتى.



تىرامپ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خالىمايدۇ.

ئاساسىي قانۇنغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 2021-يىلى ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تاماملاش كېرەك ئىكەن. ئەگەر ھازىرقى زۇڭتۇڭ تىرامپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىيەلمىسە، چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن ئاقسارايدىن ئايرىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە تىرامپ سايلامدا ساختىلىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ خىل ئەھۋالدا ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە خەتەر مەۋجۇت بولۇپ، ئوڭۇشلۇق تاماملاش تەس.



ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، گەرچە كەلگۈسى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەش ناھايىتى تەس بولسىمۇ، لېكىن تىرامپ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشىلىق قىلىشى مۇمكىن، دېدى. ئۆتكەن بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان بەزى پارلامېنت ئەزالىرى سايلامدا شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىش مەسىلىسىدە ئۇنىڭ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، چۈنكى ئۇلار تىرامپنى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. گەرچە كەلگۈسى ئىستىقبال ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پوزىتسىيەسى ئەڭ ھالقىلىق رول ئوينىيالايدۇ.



تىرامپنىڭ «تەتۈر ئېشىش» ھەرىكىتى بۇرۇنلا پىلانلانغان

تىرامپنىڭ قىلمىشىغا قارىتا، ئۆزىنىڭ ياخشى دوستى مەك كوننېلمۇ سايلامدا ساختىلىق قىلغانلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بىۋاسىتە ئىسپات يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئېنىقكى، تىرامپنىڭ قىلمىشى پەقەت ئۆزىنىڭ بايدېنغا يېڭىلىپ قالغانلىقىدىن نارازى بولۇشتۇر. بۇنىڭدىن بۇرۇن تىرامپ ئىزچىل ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا تەييارلىق قىلىپ كەلگەن. بايدېن ئۆزىنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى پائال تەشۋىق قىلغاندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نۇرغۇن يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئۆز ئىشتاتىدا بۇ قېتىمقى سايلامدا «ئالدامچىلىق قىلمىشى» بارلىقىنى ئەيىبلىدى.



باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ھوقۇقنى تىنچ ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدۇ، بەلكىم تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. بەزى تاراتقۇلار ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى سايلام ئۈچۈن تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى ئېھتىمالغا يېقىن دەپ پەرەز قىلدى. لېكىن تىرامپنىڭ قەدەممۇ-قەدەم قىستىشى بىلەن، بايدېننىڭ كوللېكتىپى ئۇ ئويلىغاندەك جىددىيلىشىپ كەتمىدى، بۇنى خۇددى ئۇلار ئالدىن پەرەز قىلغاندەك قىلاتتى. قانداقلا بولمىسۇن، بايدېن سەككىز يىل ئوبامانىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولدى، بەلكىم ئۇ تىرامپقا قارىغاندا ئاق ساراينىڭ باشقۇرۇلىشىنى بەكرەك چۈشىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تىرامپنىڭ «تەتۈر ئېشىش» پۇرسىتى كەلدىمۇ؟

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى قارىماققا ئاخىرلاشقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن بايدېن بىلەن تىرامپنىڭ كۈرىشى يەنىلا داۋاملاشماقتا، تىرامپ