ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جورج كلونېي ئىلگىرى 14 دوستىنىڭ ھەر بىرىگە بىر مىليون دوللار سوۋغا قىلغان

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 15:55

ئامېرىكا دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى جورج كلونېينىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇ ئىلگىرى 14 دوستىنىڭ ئۆزىنى ئۇزۇن يىل قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ھەر بىرىگە بىر مىليون دوللار (تەخمىنەن ئالتە مىليون يۈەن) غايەت زور سوممىلىق سوۋغات بەرگەن. ئۇ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى «GQ» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى بۇ مىش-مىش پاراڭنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.

جورج كلونېي كېلىشكەن ، قالتىس رول ئېلىش ماھارىتىگە ئىگە. 2006-يىلى ئۇ «سىرنا»دا(辛瑞那) ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، 2012-يىلىدىكى «ئەۋلادلار»(后人) بىلەن يۈرۈشلۈك فىلىمىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. قانداقلا بولمىسۇن، جورج كلونېي گەرچە ھوللىۋودنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغان دوستلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.


ئىگىلىنىشچە، جورج كلونېينىڭ «ئوغۇللار گورۇھى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇپپا دوستلىرى بار بولۇپ، 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇ 14 دوستىنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلغان، ئەمما كۆپچىلىك يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەر بىر ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا قارا رەڭلىك چامدان قويۇلغانلىقىنى بايقىغان، بۇ چامدان ھەممەيلەننى گاڭگىرىتىپ قويغان. جورج كلونېي شۇ ۋاقىتتا تۇنجى قېتىم لوس ئانژېلېسقا كەلگەندىن كېيىن، بۇ دوستلارنىڭ سافاسىدا ئۇخلىغانلىقىنى، ئۇلار بولمىسا ھازىرقى ئۇنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە: «بىز ھازىر يەنىلا ياخشى دوست، بۇ ئىش مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن مۇھىم، مەن جاۋاب قايتۇرۇشنى خالايمەن، چامداننى ئېچىڭلار» دېگەن. ئۇلار پۇل بىلەن تولغان چاماداننى ئاچقان ھامان قورقۇپ كەتكەن، پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بىر مىليون دوللار (تەخمىنەن 6 مىليون يۈەن) بولۇپ، جورج كلونېي بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ياردىمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە مىننەتدارلىق بىلەن: «سىلەر بولمىساڭلار، بۈگۈن مەن بولمايتتىم» دېگەن.

جورج كلونېي 14 دوستىنىڭ ئىسمىنى ئېنىق ئېيتمىغان، ئەمما ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بەزى كىشىلەر پۇلنى نەق مەيداندا قايتۇرۋەتكەن، بەزىلىرى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە قىلغان، يەنە بەزىلىرى ئۇلارنى ئېلىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەن.

توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، جورج كلونېي دوستلىرىغا «رەھمەت»نى ئېيتقاندىن كېيىن، كېيىنكى يىلى (2014-يىلى) ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان قىز دوستى ئامال ئالامۇددىن بىلەن توي قىلغان. 2017-يىلى ئۇ بىر جۈپ قوشماق تۇغقان، 2018-يىلى ئامېرىكا كىنو ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن جورج كلونېي: «ئىلگىرى مېنىڭ ياخشى دوستلىرىم بار ئىدى، ئەمما ھازىر مېنىڭ ياخشى ئايالىم، بالىلىرىم ۋە ئائىلەم بار، گەرچە مەن داۋاملىق تىرىشىۋاتقان بولساممۇ، ئەمما ھاياتىم ناھايىتى مەنىلىك دەپ ئويلايمەن» دېگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جورج كلونېي ئىلگىرى 14 دوستىنىڭ ھەر بىرىگە بىر مىليون دوللار سوۋغا قىلغان

ئامېرىكا دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى جورج كلونېينىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.