ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىرامپ ئۆزىنى كەچۈرۈم قىلالامدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 09:38

مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن تىرامپ بىر تەرەپتىن ھەر ساھەنىڭ ئەيىبلىشىگە تاقابىل تۇرغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى قانداق كەچۈرۈم قىلىش ئۈستىدە ئويلاندى. ئەمما CNNنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئاقساراينىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى سپولون (Cipollone) ۋە سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى تىرامپنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىز ئۆزىڭىزنى كەچۈرۈم قىلماسلىقىڭىز كېرەك» دېگەن.

ئەمما پېنىس بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن كىشىلەر پېنسىنىڭ تىرامپقا كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى كىچىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، پارلامېنت مالىمانچىلىقىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن پېنس تىرامپتىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەن، بۇ ئىككىيلەن 6-يانۋاردىن كېيىن ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىللىك «سۈكۈت قىلىش مەزگىلى»گە كىرگەن، 11-يانۋار كەچتە ئىككىسى يەنە ئاقسارايدا «نورمال پىكىر ئالماشتۇرۇش» ئېلىپ بارغان ھەم بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقۇچە خىزمەت قىلىشقا ۋەدىلەشكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ، تىرامپ يەنىلا ئۆزىنىڭ كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرسە بولىدۇ. بىراق كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقى پەقەت فېدېراتسىيە جىنايىتى قاتلىمىدىلا كۈچكە ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى ئىشتاتلارنىڭ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى توسۇپ قالالمايدۇ. دېمەك تىرامپ ئۆزىنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلغان تەقدىردىمۇ، كەلگۈسىدە يەنە ھەرقايسى ئىشتاتلارنىڭ دەۋاسىغا دۇچ كېلىدۇ.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: تىرامپنىڭ ھازىرغىچە ئويلىشىۋاتقىنى يەنىلا ئۆزى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قانۇنىغا كەلتۈرگەن زىيىنىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئويلاشمىدى، بۇ خىل ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قىلمىشى قانۇننىڭ نوپۇزىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈلكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. تىرامپ كېلەر ھەپتە ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئايرىلىشتىن بۇرۇن، يەنە تېخىمۇ كۆپ كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىشى مۇمكىن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تىرامپ ئۆزىنى كەچۈرۈم قىلالامدۇ؟

مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن تىرامپ بىر تەرەپتىن ھەر ساھەنىڭ ئەيىبلىشىگە تاقابىل تۇرغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى قانداق كەچۈرۈم قىلىش ئۈستىدە ئويلاندى.