ئامېرىكىلىق قىمار شاھى، تىرامپنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى قازا قىلدى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لاسۋىگاس ساندس گۇرۇھى (Las Vegas Sands Corp) بىر پارچە ئاخبارات ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «شىركەتنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شېلدون ئادېلسون (Sheldon Gary Adelson) تۈنۈگۈن كەچتە 87 يېشىدا قازا قىلدى».
شېلدون ئادېلسون جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ، بولۇپمۇ تىرامپنىڭ ئەڭ چوڭ «مەبلەغ تەمىنلىگۈچىسى» دەپ قارالغان. تاراتقۇلارنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇلتۇر ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئىككى ئاي قالغاندا شېلدون ئادېلسون ۋە ئۇنىڭ ئايالى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە 75 مىليون دوللار ئىئانە قىلغان، تىرامپنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.