بوللىۋود چولپىنى كاجول كورېيە تىياتىرلىرىغا ئامراق
بوللىۋود چولپىنى كاجول ھازىر Netflixنىڭ يېڭى كىنوسى «Tribhanga»نى تەشۋىق قىلماقتا. زىيارەت قوبۇل قىلغاندا ئۇنىڭدىن كورېيە تىياتىرلىرىغا بولغان قارىشى سورالدى. كاجولنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كورېيە تىياتىرلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ھازىر «چېگرا ئاتلىغان مۇھەببەت» (爱的迫降)نى كۆرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ تىياتىرنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن، خيۇن بىن بىلەن سون يېجىن ئۇنىڭغا ياققان. كاجولنىڭ قارىشىچە، بۇ تىياتىرنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى ناھايىتى ئىلغار بولۇپلا قالماي، يەنە ئىشلىنىشىمۇ ياخشى ئىكەن.
كاجولنىڭ كىنوسىغا كەلسەك، «Tribhanga» بۇ يىل مەستانىلەر ئەڭ تەقەززا بولغان كىنولارنىڭ بىرى، كاجولنىڭ دېيىشىچە، بۇ كىنونىڭ ئاياللارنى باش تېما قىلغانلىقى، ئاياللارنىڭ تاشقى قىياپەت جەھەتتىكى مۇكەممەلسىزلىكى سۆزلىنىدىغانلىقى ئۇنى قىزىقتۇرغان. «Tribhanga» بۇ يىل 15-يانۋار قويۇلىدۇ.