ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

زۇڭتۇڭ تىرامپقا قېرىندىشىدىن بالا كەلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 16:34

ئامېرىكا تاراتقۇسىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا قارار سۇنۇپ، زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغانلىقى ھەمدە نامايىشچىلارنى پارلامېنتتا مالىمانچىلىق چىقىرىشقا كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: قاراردىكى ئەيىبلەش سۆزى دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئەيىبلەش ماددىلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ ئەھۋال پارلامېنت مالىمانچىلىقىدىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆرۈلگەن تالاش-تارتىشلارنى نامايان قىلىدۇ. بۇ قارارنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن ئالتە كىشى قوللىغان، بۇنىڭ ئىچىدە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى برايىن فىتزپاترىك (Brian Fitzpatrick) مۇنداق دېگەن: «زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ سايلام نەتىجىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان قىلمىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ، ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.»

مەزكۇر ئۆمەك ئەيىبلەش قارارىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىللە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئۈچ نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى تىرامپنى ئەيىبلەشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلار ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان 3-نومۇرلۇق ئەرباب لىز چېنېي (Liz Cheney) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چېنېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «زۇڭتۇڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەندە دەرھال ئارىغا چۈشۈپ توسۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما تىرامپ بۇنداق قىلمىدى».

ئامېرىكا تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ئاۋام پالاتاسى شۇ جاي ۋاقتى 13-يانۋار «مالىمانچىلىق چىقىرىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك ئەيىبلەش ماددىسىنى ئاۋازغا قويىدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

زۇڭتۇڭ تىرامپقا قېرىندىشىدىن بالا كەلدى

ئامېرىكا تاراتقۇسىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا قارار سۇنۇپ، زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغانلىقى ھەمدە نامايىشچىلارنى پارلامېنتتا مالىمانچىلىق چىقىرىشقا كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.