ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

​تايگېر شروف: شاھرۇھ خان دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئاتا

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-20 10:06

تايگېر شروف ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مەستانىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئۇ يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مەستانىلىرى بىلەن بىر قانچە قىزىقارلىق مەسىلە ئۈستىدە پاراڭلاشتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مەسىلە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تايگېر شروفنىڭ بىر مەستانىسى ئۇنىڭدىن شاھرۇھ خانغا قانداق باھا برىدىغانلىقىنى سورىدى. بوللىۋودتىكى كۆپلىگەن چولپانلار شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى، تايگېر شروفمۇ شۇنداق. تايگېر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا چولپانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويايلى، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئاتىلارنىڭ بىرى».

تايگېر شروف يېقىندا ئىككىنچى ناخشىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە «قەھرىماننىڭ خىسلىتى 2» (Heropanti 2)، ھىندىچە نۇسخىدىكى «رامبو» (Rambo) قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەرىكەتلىك كىنولاردا رول ئالىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有