ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پارلامېنت بىناسى ئەتراپىغا ئوت كەتتى، بايدېن رەپىتىس قىلالمىدى

مەنبەسى:نۇرتورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-20 10:09

ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئۇدا نەچچە كۈن يۈكسەك ئېھتىيات ھالىتىدە تۇردى، ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى كۈچەيتىلدى، پارلامېنت بىناسى قاتارلىق فېدېراتسىيە ئاپپاراتلىرى مۇداپىئەلىنىدىغان يادرولۇق رايون بولۇپ قالدى. 18-چېسلا ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت بىناسى ئەتراپىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، پارلامېنت بىناسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى قوزغىلىپ، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ رەپىتىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

18-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى پارلامېنت بىناسى ئەتراپىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، پارلامېنت بىناسى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان كېڭەش، ئاۋام پالاتالىرىنىڭ ئىشخانا بىناسى ۋاقىتلىق قامال قىلىندى. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارلامېنت ساقچى تەرەپ بىنا ئىچىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى تاشقى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن بىنادىن ئايرىلماسلىققا ھەمدە دېرىزىدىن يىراقلىشىشقا ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارلامېنت بىناسى قامال قىلىنغان چاغدا زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى رەپىتىس قىلىنىۋاتقان بولۇپ، رەپىتىس شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بىنانىڭ غەرب تەرىپىدىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان خادىملار نەق مەيداندىن چېكىنگەن. ئىگىلىنىشىچە، بايدېن شۇ كۈنى رەپىتىس قىلىشقا قاتناشمىغان.

ۋاشىنگتوندىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەمەلدارى ۋە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئوت ئاپىتى پارلامېنت بىناسىدىن 1.6 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سەرگەردانلار لاگېرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، سەرگەردانلار ئوت قالىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئىكەن. ئوت ناھايىتى تېزلا ئۆچۈرۈۋېلىندى، ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، پارلامېنت بىناسى بىردەمدىن كېيىن قامال قىلىشنى بىكار قىلىپ، نورمال يۈرۈشۈشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل ئامېرىكا ئالاھىدە خادىملار باشقارمىسى بۇ ئىش ئاممىغا تەھدىت پەيدا قىلمىدى، دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پارلامېنت بىناسى ئەتراپىغا ئوت كەتتى، بايدېن رەپىتىس قىلالمىدى

ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئۇدا نەچچە كۈن يۈكسەك ئېھتىيات ھالىتىدە تۇردى، ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى كۈچەيتىلدى،