ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

Win10 سىستېمىسىدىكى يۈزى قېلىن ھۆججەتلەرنى بۇئۇسۇل بىلەن ئۆچۈرۈڭ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-19 11:04

 

يېقىندا بىر دوستۇم Win10دا مۇنداق بىر مەسىلىگە ئۇچىرىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى، بۇ دوستۇم يېقىندا سىستېمىنى قايتا قاچىلىغاندىن كېيىن، سىستېما دىسكىسىدىكى مۇندەرىجىسىدە بىر «Windows.old» ھۆججەت قىسقۇچنىڭ بارلىقىنى بايقاپتۇ، ئۇنىڭ ھەجىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ 10 نەچچە GB كېلىدىكەن، ئۇ مەيلى مەيلى بىۋاستە ئۆچۈرۈشنى سىناپ باقسۇن ياكى سىستېما دىسكىسىنى ئاپتوماتىك تازىلاش قاتارلىق سىستېما ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىپ باقسۇن، بۇ ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرەلمەپتۇ، يەنە كېلىپ سىستېما دېسكىسى بۇ ئەخلەت ھۆججەت قىسقۇچ سەۋەبلىك دىسكا پۈتۈنلەي توشۇپ كېتەي دەپ قالغان ئىكەن.

 

 

«Windows. old» ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرگىلى بولمىسا ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟

Windows سىستېمىسىغا پىششىق دوستلارغا نىسبەتەن، «Windows. old» ھۆججەت قىسقۇچ ناتونۇش بولماسلىقى مۇمكىن، بۇ Win10 سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ياكى قايتا قاچىلانغاندىن كېيىن، كونا سىستېما ھۆججىتىنى زاپاس ساقلايدىغان مۇندەرىجە ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن كومپيۇتېرنى ئىشلەتكۈچى سىستېمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن ئۇنى ياقتۇرماي ئەسلىدىكى نەشرىگە قايتىپ كەتمەكچى بولغاندا، Win10دىكى «Windows. old»ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئەسلى سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى، لېكىن ئەگەر سىزنىڭ بۇنداق ئېھتىياجىڭىز بولمىسا «Windows. old» ھۆججەت قىسقۇچى ناھايىتى كۆپ ئورۇن ئىگىلەپ كۆزىڭىزگە قادالغان مىخقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنى ئۆچۈرگىلى بولماسلىقنىڭ سەۋەبى كۆپ ھاللاردا ھوقۇق چەكلىمىسى سەۋەبىدىن بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئادەتتىكى ھوقۇق دائىرىدە ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن بىز تېخىمۇ يۇقىرى ھوقۇق چېكىنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك.

يەنى Window ئارقىلىق CMDنى ئىزدەپ تېپىپ، كومپيۇتېرنى ھەقىقىي باشقۇرغۇچى ھالىتىدە بۇيرۇق بېرىمىز.

 

ئارقىدىن CMDغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى كىرگۈزىمىز:

1

rd/s/q c:Windows.old

rd/s/q بولسا مەلۇم مۇندەرىجىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تەستىق بىر تەرەپ قىلىش بۇيرۇقى بولۇپ، باشقۇرغۇچى ئەندىزىسى ئاستىدا ئىجرا قىلىنىدۇ، شۇڭا «Windows. old» ھۆججەت قىسقۇچنى بىر بۇيرۇق بىلەنلا ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھەجىمى ناھايىتى چوڭ بولغان «Windows. old» ھۆججەت قىسقۇچنى ئاسانلا ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە باشقۇرغۇچى فورماتىدا rd/s/q بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق يەنە باشقا ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان باشقا ھەرخىل جاھىل ھۆججەتلەرنىمۇ تازىلىغىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بىراق بۇنى ئىشلەتكەندە چوقۇم ئېھتىيات قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى ناۋادا بۇيرۇقنى خاتا بېرىپ قويۇپ مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈپ قويسىڭىز ئۇنى قايتا تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

Win10 سىستېمىسىدىكى يۈزى قېلىن ھۆججەتلەرنى بۇئۇسۇل بىلەن ئۆچۈرۈڭ

Win10 سىستېمىسىدىكى يۈزى قېلىن ھۆججەتلەرنى بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆچۈرۈڭ