ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەڭ قورقۇنچلۇق قارا گۇرۇھنىڭ 300 ئادىمى تۇتۇلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-19 13:44

 

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىتالىيە بىر مەيدان ئەسىر سوتىنى باشلىدى.

نەق مەيداندا 600 ئادۋوكات، 900 گۇۋاھچى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سان-ساناقسىز خەلقئارالىق مۇخبىرلار، 1000دىن ئارتۇق سىرتتىن ئاڭلاش ئورنى، يەنە قارا قول پارتىيەسىنىڭ 355 ئەزاسى ۋە چىرىكلەشكەن پارلامېنت ئەزاسى، ساقچى، سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بار.

بۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ كىشىلەرنى سىغدۇرۇش ئۈچۈن، سوت ئېچىش ھالقىلىرىنى چاقىرىش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە مەجبۇر بولدى. ھەربىيلەر قۇرۇلۇش سىرتىدا چارلاۋاتىدۇ، ساقچى تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ھاۋا بوشلۇقىدا توختىماي ئايلىنىپ يۈرىدۇ.

بۇ ئىتالىيەدە نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قارا گۇرۇھ سوتى بولۇپ، بۇنىڭغا ھېچكىم سەل قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدى. چۈنكى ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ رەھىمسىز، ئەڭ قورقۇنچلۇق جىنايەتچىلەر گۇرۇھىغا يۈزلىنىدۇ.

ۋاقىتلىق سوت لامېزىئا (Lamezia Terme) بازىرىدا تەسىس قىلىنغان. بۇ ئانچە نامى چىقمىغان كىچىك جاي، دەل بۇ قېتىمقى سوراق قىلىنىدىغان ئوبيېكتلار توپلاشقان جاي، يەنى ئىتالىيەدىكى ئەڭ باي، ئەڭ قانخور قارا قول گۇرۇھى مەنكيۇسو (Mancuso) جەمەتى بار جاي.

ساقچى تەرەپ ئۇلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 3000دىن ئارتۇق ساقچى كۈچىنى ھەرىكەتكە قاتناشتۇرۇپ، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، پايلاقچىلىق قىلىش، يىپ ئۇچى توپلاشقا قاتناشتۇردى. سوت 438 تۈرلۈك ئەرزنى ئوتتۇرىغا قويدى، زەھەر ۋە قورال-ياراغ توشۇپ سېتىشتىن تارتىپ قاقتى-سوقتى قىلىشقىچە، ئەرزنامىنى ئوقۇپ ئۆتۈشكىلا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى.

بۇ بىر قېتىملىق تولىمۇ رېئال ۋە جاھاننى زىلزىلىگە سالغان قارا گۇرۇھقا قارشى بىر قېتىملىق ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

سىتسىلىيە ئارىلى ئىتالىيەدىكى قارا قول پارتىيەسىنىڭ كۈچى ئەڭ چوڭ رايون، لېكىن مەنكيۇسوغا ئوخشاش قەبىھ جەمەت ھازىر ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ (ئۇلارنىڭ جەمەتى قارا قول پارتىيەسى «شان-شەرەپ جەمئىيىتى» تەرەپدارلىرىنىڭ مۇھىم تارمىقى).

بىر ئەسىر ئىلگىرى مەنكيۇسو جەمەتى پەقەت سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ چەت تاغلىق كەنتىدىكى كەمبەغەل دېھقان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار شەرەپ جەمئىيىتىگە ياردەم بېرىپ، ياۋروپانىڭ %80 كوكايىن سودىسىنى ئىگىلەپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 50 مىليارد فوندستېرلىڭ پايدا ئالدى. بۇ قانداق ئۇقۇم؟بىر گۇرۇھنىڭ قانۇنسىز كىرىمى ئىتالىيە GDPسىنىڭ %3ىنى ئىگىلەيدۇ.

ئۇلار سىتسىلىيە ئارىلىدىكى نۇرغۇن شەھەر-بازارلارنى باشقۇرىدۇ، شۇ جايدىكى تەپتىش ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەنكيۇسونىڭ كاتتىبېشى بۇيرۇق چۈشۈرمىسە، بۇ يەردىكى يوپۇرماقلارمۇ مىدىر-سىدىر قىلمايدۇ.» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە جەنۇبىي ئامېرىكا گۇرۇھلىرى ۋە ئالبانىيە گۇرۇھلىرىنى ئۆزلىرىگە سادىق بولۇشقا، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى قانۇنسىز سودىنى كېڭەيتىشكە بۇيرۇيدۇ.

قارا قول پارتىيەسىنىڭ تەتقىقات پىروفېسسورى نىكاسونىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ جەمەتنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشى زوراۋانلىقتىن باشلانغان. ئۇلار قورال كۈچىدىن پايدىلىنىپ شۇ جايدىكى بىر چوڭ تاش كانىنى ئىگىلىۋالغان، بۇ يەردىكى تاش ماتېرىياللىرى ئىتالىيىدىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز پورتىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭدىن كۆپ پايدا ئېلىپ، گۇرۇھنىڭ دەسلەپكى شەكلىنى شەكىللەندۈرگەن.

ئەمما، مەنكيۇسو جەمەتى خۇددى خەت مەنىسىگە ئوخشاش، نۇرغۇن ئادەملىرى ئوخشاش فامىلىگە ئىگە بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار تۇغقانلاردۇر. بۇ جەمەتنىڭ باشقا كۈچلەرنى يېتىم قالدۇرۇش ھەمدە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ۋاسىتىسى ئىدى.

ئۇلار ئاساسەن ئائىلە ئەزالىرىنىلا گۇرۇھ قىلىپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ، پەقەت بۇ ئائىلىدە تۇغۇلسىلا، تۇغما قارا گۇرۇھ ھېسابلىنىدۇ. باشقا قارا قول پارتىيەلىرىگە ئوخشىمايدىغىنى، ئۇلار يەنە ئاياللارنى ئۆزىگە قوشۇۋالىدۇ، بۇ قېتىمقى ئەسىر سوتىدا 44 نەپەر ئايال بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەمەتىدىكى ئەرلەرگە ئوخشاش رەھىمسىز.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ گۇرۇھۋازلىرى بولۇپ، يوغان بۇرۇن، سېمىز، سېرىق چاچلىق قىز، ئوغلاق، تاتلىق دېگەندەك لەقەملەر بىلەن قارا يولدا ھەرىكەت قىلىدۇ. گەرچە ئاڭلىماققا ئازراق قىزىقارلىقتەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن سىز ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغىنىدا ھېچكىم كۈلەلمەيدۇ.

1973-يىلى بۇ گۇرۇھ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان چوڭ دېلونى سادىر قىلىدۇ. يەنى ئامېرىكا نېفىت ماگناتى، داڭلىق گېتتى جەمەتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن ۋارىسىنى تۇتقۇن قىلىدۇ.

ماگناتنىڭ بوۋىسى گۇرۇھ تەلەپ قىلغان 17 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم پۇلىنى تۆلەشنى رەت قىلغاندا، ئۇلار بۇ بالىنىڭ بىر قۇلىقىنى كېسىۋالىدۇ ھەمدە قانغا بويالغان قۇلىقى بىلەن بالىنىڭ بىر تۇتام چېچىنى خەتكە قىستۇرۇپ قويىدۇ.

خەتتە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر ئون كۈن ئىچىدە پۇل ھېساباتقا كىرمىسە، نەۋرەڭنىڭ يەنە بىر قۇلىقىمۇ كېسىلىپ كېتىدۇ، ئاندىن ئاستا-ئاستا پارچىلىنىپ كېتىدۇ. ئاز-ئازدىن ئۆيۈڭگە ئەۋەتىپ بېرىمىز.

ئاخىرىدا بۇلار ئىككى مىليون 200 مىڭ دوللارلىق باھا بىلەن يارىشىپ، گېتتى جەمەتىنىڭ ياش ۋارىسىنى قويۇپ بېرىدۇ.

جون پائۇل گېتتى Ⅲ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ھاراق بىلەن زەھەرلىنىپ، 2011-يىلى ۋاپات بولغان.

بۇ جەمەت يەنە بىر چوڭ پورتنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا ئىچكى قىسىمدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 1000دىن ئارتۇق ئادەم قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، بۇ نيۇيوركتىكى قارا گۇرۇھلارنىڭ قالايمىقان ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئويلاپ بېقىڭ، بۇ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇق-تۇغقان تۇرسا، مەنپەئەتنى دەپ ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرمۇ قول سالالىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تاش يۈرەكلىك بىلەن قىلمىغان يەنە نېمە ئىش بار؟ ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇۋالغان ھەرقانداق ئادەم پەقەت «ئۆلۈم» دېگەن سۆزنىلا بىلىدۇ.

لېكىن، بۇ ئەسىر سوتى ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان بىر ئادەمگە رەھمەت ئېيتىدۇ. گېللاتلى بىر پېشقەدەم تەپتىش ئەمەلدارى، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل ھالدا شۇ جايدىكى قارا قول پارتىيەسىنىڭ ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈش باشلانغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

ياش ۋاقتىدا ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا تولغان گېللاتلى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ قارا قول پارتىيەسىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقاپ، قانۇن ئۆگىنىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان بۇ قارا گۇرۇھلارنى سىتسىلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئىرادە باغلىغان.

نەچچە مىڭ سائەتلىك ئۇچۇرنى توسۇش ۋە نازارەت قىلىشقا تايىنىپ، ئۇ تىغ ئۇچىدىن بارغانسېرى كۆپلىگەن مەنكيۇسو جەمەتىنىڭ جىنايەت پاكىتىغا ئېرىشتى. لېكىن ئۇ بەرىبىر يات ئادەم، قانداشلىقتىن ئىبارەت پولاتتەك ئىسپات ئاستىدا، ھەل قىلغۇچ دەلىل-ئىسپات ئىگىلەش مۇمكىنچىلىكى ھەقىقەتەن بەك كىچىك.

گېللاتلى بىگۇناھ ئۆلۈم ۋە قىلغان ئەجرىنىڭ بىكارغا كېتىشىدەك ئەھۋال ئارىسىدا جان تالىشىدۇ، دەل ئۈمىدسىزلەنگەن پەيتتە، ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بىر كىشى ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.

ئىشپىيون بولۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بۇ كىشى مەنكيۇسو جەمەتىنىڭ «كاتتىبېشى»نىڭ ئوغلى.

قارا قول پارتىيەسى يولى ئەزەلدىن تاق يۆنىلىشلىك يول بولۇپ، ئۇنىڭغا كىرگەن ھامان ئۆمۈرۋايەت سادىق بولۇشى كېرەك. پەقەت ئۆلىدۇ ياكى يوقىلىدۇ، چېكىنىپ چىقىشقا، يېنىۋېلىشقا بولمايدۇ.

لېكىن ئېمانۇئېل مەنكيۇسو (Emanuele Mancuso) بۇ يولدىن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ. ئۇ گۇرۇھ كاتتىبېشى «ئىنژېنېر» لۇنىنىڭ ئوغلى. دادىسى غايەت زور ھەربىي تەشكىلاتنى كونترول قىلغان.

 

ئېمانۇئېل قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش، ئۇلار كىچىكىدىنلا جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەس، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئوغرىلاش، زەھەر چېكىش، زەھەر سېتىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، ھەتتا بوۋىسىنىڭ بالىلىقتىكى «كۆڭۈل ئېچىشى» دەپ قارايدۇ.

ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان، يەنە ساقچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغان. بىراق، ئۇ چاغدا ئۇ تېخى گۇرۇھنىڭ رەسمىي ئەزاسى ئەمەس ئىدى، دادىسى ھەتتا ئوغلىغا ئىدارىگە كىرىشنى كىشىلىك ھاياتتا چوقۇم باشتىن كەچۈرىدىغان چېنىقىش دەپ بىلىشنى تاپىلىغان.

شۇنىڭ بىلەن كاتتىبېشى ئوغلى سۈپىتىدە، ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن ئۇ قائىدە بويىچە قارا قول پارتىيىسىگە كىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. مەنكيۇسو جەمەتىنىڭ ھوقۇق تەختى خانلىق تەختتىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، پۈتۈنلەي قانداشلىق ئاساسىدا ۋارىسلىق قىلىشقا تايىنىدۇ. يەنى ئۇ پەقەت گەپ ئاڭلاپ، دادىسى تەلەپ قىلغان ئىشنى قىلسىلا، كەلگۈسىدىكى كاتتىباش چوقۇم ئۇ بولىدۇ.

ئېمانۇئېل دەسلەپتە ھەقىقەتەن نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرىكى جەمەتىدىكىلەر بىر ئايال سودىگەرنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋالماقچى بولغاندا، سودىگەر قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئېمانۇئېل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر گۇرۇھنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۇيرۇققا بويسۇنۇپ ئايال سودىگەرنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە جەسەتنى چوشقىغا بېرىپ دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. شۇنداق بولغاچقا ئۇ بۇ ئىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

لېكىن، ئۇنىڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، دادىسىدا يېڭى ئوي پەيدا بولىدۇ، بۇ ئوي ئۇنىڭ ھاياتىدىكى يولىنى ئۆزگەرتىدۇ، يەنى ئۇنى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ.

جەمەت ئىچىدە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كىچىكىدىن باشلاپلا جەمئىيەت بىلەن ئارىلىشىپ چوڭراق خەتتىن بىرىنىمۇ تونۇمايدۇ. لېكىن، گۇرۇھنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇشى ئۈچۈن، چوقۇم زاڭ پۇلنى ئاقلايدىغان ۋاسىتە بولۇشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن ئېمانۇئېل سىتسىلىيە ئارىلىدىن ناھايىتى يىراق بولغان رىم داشۆسىگە ئەۋەتىلىدۇ ھەمدە قانۇن پەنلىرىنى ئۆگىنىدۇ. دادىسى ئۇنى ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، جەمەتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى، سەنئەت ساھەسى، ھەتتا سىياسىي ساھەگە چوڭقۇر چۆكۈپ، سەرخىللار قاتلىمىنىڭ قانۇنلۇق كەسپىنى دەستەك قىلىپ، جەمەتىنى باشقۇرماقچى بولىدۇ.

گەرچە دادىسى ئۇنى سىپايە مۇناپىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئوغلىدا خاتالىق كۆرۈلىدۇ. ئېمانۇئېل ئالىي مەكتەپتە ئائىلە نەسەبى پاك تەڭتۇش دوستلىرى بىلەن بىللە ئۆتىدۇ.

ئۇلار زورلۇق كۈچىنى قالايمىقان ئىشلەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ دادىلىرى ھەر كۈنى زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە ئادەم ئېلىپ سېتىشنى ئويلىمايدۇ. ئۇ يەنە كەلگۈسىدىكى ئايالى نەنسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ئىككىسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە توي قىلىپ بالىلىق بولىدۇ.

كىچىكىدىنلا زۇلمەت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئېمانۇئېل تۇنجى قېتىم نورمال كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇ خۇشال بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزى ۋە جەمەتىنىڭ ئۆتمۈشىنى كۆزىتىشكە باشلايدۇ، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ ئادەتتىكى قارا قول پارتىيەسىدىنمۇ تۆۋەن چېكى يوقلىقى، ئاياللار ۋە بالىلارنى قىلچە تەپ تارتماستىن ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

ئۇلار بىر ياشانغان كىشىنى تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈچ ياشلىق نەۋرىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئىككى جەمەت ئەزالىرىنىڭ قىز دوستى ساقچىغا پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇنى تۇتۇپ سۇلفات كىسلاتاسى ئىچىشكە مەجبۇرلاپ، قىيناپ ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئۇلار يەر ئېلىش مەغلۇپ بولغانلىقتىن، ئايال دېھقاننىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار خائىننى سۇلفات كىسلاتا تۇڭىغا سېلىپ، جەسەت پۈتۈنلەي ئېرىپ كەتكۈچە ئۈچ كېچە-كۈندۈز قاماپ قويىدۇ. ئۇلار يەنە جەمەتىدىكى قاتىلنى ھەمجىنىس بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.

بۇ قورقۇنۇچلۇق ئەسلىمىلەر دادىسى دائىم سۆزلەيدىغان ئىشلار سۈپىتىدە ئۇنىڭ ۋىجدانىنى ئېغىر قىيناشقا باشلايدۇ. لېكىن بۇ ئۇنى جەمەتىنىڭ كونتروللۇقىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدۇرالمايدۇ. قانۇنشۇناسلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە دېھقانچىلىق ئىلمىنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئادەمنى ناھايىتى ئەقىللىق دېمەي بولمايدۇ، ئۇ ناھايىتى تېزلا كەڭ كۆلەمدە كەندىر تېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، جەمەت مۈلكىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىنتېرنېت تورىدا سېتىپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قارا گۇرۇھ بىلەن بولغان ئالاقىسى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ.

لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ جەمەتى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. دادىسى بۇ بىر نەچچە يىلدا ئېمانۇئېلنىڭ جەمەتىنىڭ سودىسىغا بارغانسېرى ئاكتىپ بولمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئېمانۇئېلنىڭ «ۋىجدان بايقىشى»دىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قورقۇنچاق ۋە ئىقتىدارسىز، ئۇنىڭدىن كۆرە ئاشۇ مەدەنىيەتسىز ئەبلەخلەرگە ئوخشاش ئەسقاتىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.

دادىسىنىڭ قارىشىچە، ئېمانۇئېل دېگەن بۇ بالا «كارغا كەلمەيدىكەن»، كېيىن كاتتىباشمۇ بولالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلچە رەھىم قىلماستىن ئېمانۇئېلنى جەمەتىدىن چەتلەشتۈرۈۋەتكەن.

2018-يىلى ئېمانۇئېل زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغان بىرمۇ تۇغقىنى چىقمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ دادىسىمۇ كۆرۈشۈشنى خالىمىغان.

ئېمانۇئېل  خۇددى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن تاشلىۋېتىدىغان سۇلياۋ خالتىغا ئوخشاپ قالغان، ئۇنىڭ بۇ جەمەتتە ئەزەلدىن ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقى، پەقەت مەنپەئەتلا بار ئىكەنلىكى. ئاتالمىش قارا گۇرۇھنىڭ ۋىجدانلىق، ھېسسىياتچان بولۇشىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز گەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. تۆت يىللىق تۈرمە ھاياتى ئاخىرى ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۈزىدۇ: ئۇ دادىسىنىڭ نەزىرىدىكى بىر پىچكا، ئۇ چوقۇم توغرا يولنى تاللىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارا قول پارتىيەسىنى سۈرۈشتۈرگەن كونا تەپتىش ئەمەلدارى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشپىيون بولۇپ، بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىماقچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دادىسىنىڭ جىنايى پادىشاھلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزمەكچى بولىدۇ.

ئۆزى ئۈچۈن، قايتا قانلىق دېلو سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن، شۇنداقلا تۈرمە سىرتىدا تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان قىزى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تاللاش ھوقۇقى بېرىش، ھەرگىزمۇ ئۆزىگە ئوخشاش جەمەتىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ، كونا يولدا ماڭماسلىقى ئۈچۈن بۇ يولنى تاللايدۇ.

پېشقەدەم تەپتىش ئەمەلدارى بىلەن ئېمانۇئېل ناھايىتى تېزلا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدۇ، ئېمانۇئېل جاسۇس بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جەمەتىنىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى توپلايدۇ، ئۇ ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلىپ دادىسى، تاغىسى، ئىنىسى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالارنىڭ نەچچە مىڭ سائەتلىك ئۈن-سىن لېنتىسىنى تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

لېكىن، چېقىمچىلىق ناھايىتى تېزلا ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، دادىسى ئۆزى ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى قوغلاپ ئۆلتۈرۈش تىزىملىكىگە يېزىلىدۇ، پەقەت ئۇنى جايلىۋېتەلىسىلا، بىر مىليون ياۋرو مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىنىدۇ.

ئېمانۇئېل تەرەپ-تەرەپكە قاچىدۇ، پېشقەدەم تەپتىش ئەمەلدارى كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى رەتلەش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆلۈمگە يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەگەر تېزراق بولمىسا، ھەممە نەرسە كۆپۈككە ئايلىنىدۇ.

سول تەرەپتىكى ئېمانۇئېلنىڭ ئاكىسى، شۇنداقلا گۇرۇھ ئەزاسى، 2018-يىلى قولغا ئېلىنغان.

سىتسىلىيە تىنچ بولماي تۇرۇپ، بالىلارنىڭ پارلاق كەلگۈسى بولمايدۇ. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۇرسەت پىشىپ يېتىلىدۇ. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 3000دىن ئارتۇق ئىتالىيە ساقچىسى كالابرىيە رايونىدىكى جەمەتنىڭ تايانچ نۇقتىسىغا يېقىن جايدا يوشۇرۇنۇپ، مەيدانغا بۆسۈپ كىرىپ، جەمەتنىڭ 300دىن ئارتۇق يادرولۇق ئەزاسىنى نەق مەيداندا قولغا ئالىدۇ.

بىر ئايدىن كېيىن ئەسىر سوتى باشلىنىدۇ. ئېمانۇئېل بىلەن كونا تەپتىش ئەمەلدارى گۇۋاھچىنى قوغداش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، بىخەتەر جايغا يۆتكەيدۇ، شۇنداقلا باشقا سالاھىيەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

لېكىن ئېمانۇئېلنىڭ قاباھەتلىك چۈشى بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ. قارا گۇرۇھقا كىرىش خۇددى زەھەر خۇمارىغا ئوخشاش قايتماس بولۇپ، ئۇ ھامان سىزگە ئەگىشىدۇ، سىزنى ئازابلايدۇ، ھاياتىڭىزنى نابۇت قىلىدۇ.

ئۇنىڭ دادىسى، ئىنىسى، تاغىسى قاتارلىقلار تۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن گۇرۇھنىڭ نۇرغۇن ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام ئەزالىرى شەپىنى ئاڭلاپلا قېچىپ كېتىدۇ ياكى تېخى كونترول قىلىنمايدۇ. ئۇلار داۋاملىق ئېمانۇئېلنى قىستايدۇ.

ئېمانۇئېلنى ئەڭ ۋەيران قىلغىنى، ئۇنىڭ ئايالى جەمەتنىڭ سادىق بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ، ئايرىلىشنى رەت قىلىدۇ. ھەمدە ئىككى ياشلىق قىزىنى تۇتقۇن قىلىپ ئېمانۇئېلغا تەھدىت سېلىپ، ئۇنى ساقچىلارغا تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچىنى ئاشكارىلاشتىن توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، بولمىسا قىزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ ئايال پەقەت ئادەتتىكى، ئاق كۆڭۈل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسا، ئەمدىلىكتە توي قىلىپ جەمەتىگە كىرگەندىن كېيىن دادىسىغا ئوخشاش رەھىمسىز بولۇپ كېتىدۇ.

ئۇنىڭ قىزىنىڭ بەلكىم كەلگۈسىنى ئەركىن تاللاش ھوقۇقى بولماسلىقى مۇمكىن. ئېمانۇئېل گەرچە گۇناھكار ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قىزى چوقۇم ئۇنىڭ ئاسارىتىدە ياشايدۇ.

بەلكىم قارا گۇرۇھقا قارشى كىنولاردا ئەپسانىۋى قەھرىمانغا ئايلىنىپ قېلىشى، قارا گۇرۇھنىڭ رەزىل خائىنى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن رېئاللىق كىنو ئەمەس، ئۇنىڭ مۇرەككەپ كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشىدە پەقەت تراگېدىيەلا داۋاملىشىدۇ، بارلىق ئىشلارنىڭ مەنبەسى قارا قول پارتىيەسىدىن كەلگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەڭ قورقۇنچلۇق قارا گۇرۇھنىڭ 300 ئادىمى تۇتۇلدى