ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تانسىخانىدا ھەمراھ خېنىم بولۇپ باققان زۇڭتۇڭ خانىمى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 10:30

تويسىز تۇغۇلغان قىزدىن، زۇڭتۇڭنىڭ خانىمىغىچە بولغان 33 يىللىق قىسقىغىنا ھاياتىدا ئېۋىتا سانسىزلىغان رومانتىكىلىق كەچمىشلەرنى ۋە ئازابلىق تۇرمۇش ھېسلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. قەيسەر ئايال سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئېۋىتانىڭ ھاياتى، ئارگېنتىنانىڭ مېلودىيەلىرىگە كىرگۈزۈلۈپ، قەغەز پۇلىغا ئويۇلۇپ، ئارگېنتىنا ئېكرانىدا چاقناپ، ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى ......

نۇتۇق مۇنبىرىدىكى ئېۋىتا ھەشەمەتلىك مۇراسىم كىيىمى كىيگەن بولسىمۇ، چىرايى ناھايىتى سولغۇن كۆرۈنەتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئېرى بېرون ھەربىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويۇلغان بولۇپ، ئېۋىتا گەرچە قاتتىق چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا روھىنى ئۇرغۇتتى. ئۇ تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان بۇ بىر توپ نامرات كىشىلەرنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى، شۇڭا بارلىق ئاماللىرىنى ئىشقا سېلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا: «سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى مەن تارتىپ باققان، سىلەرنىڭ نامراتلىقىڭلارنى مەن باشتىن كەچۈرگەن. بېرون مېنى قۇتقۇزغان، ئۇ سىلەرنىمۇ قۇتقۇزىدۇ، بېرون كەمبەغەللەرگە يار يۆلەك بولىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاسرايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا بېرون مېنى قىلچە ياخشى كۆرمىگەن بولاتتى دېدى ھەمدە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنىمۇ قىلچە يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى.

ئېۋىتا كىشىلەرنى بۇنىڭدىن تەسىرلەندۈردى. ئېۋىتانىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا بېرون خەتەردىن قۇتۇلدى ۋە بىر ئائىلە كىشىلىرى قايتىدىن جەم بولدى. بېرون قايتىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن كۈنى نەچچە مىڭلىغان ئامما پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا «ئېۋىتا» دەپ ۋاقىراشتى.

ئېۋىتا ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزى قىلچە ئەسلەشنى خالىمايدىغان ئۆتمۈشى بولغان، بىراق ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ئالدىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىغان. كىچىك ۋاقتىدىلا دادىسى، ئاپىسى ۋە ئېۋىتا قاتارلىق بەش ئاچا-سىڭىلنى تاشلاپ كەتكەن بولۇپ، ئاپىسى زېھنى ئۆتكۈر تىككۈچى بولۇپ، بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن، ئېۋىتانىڭ ئانىسى ھەر كۈنى ناھايىتى جاپالىق ئىشلەيتتى. ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ئىپتىدائىي كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى. بۇ بەش ئاچا-سىڭىل دائىم كىشىلەرنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچراپ تۇراتتى ۋە ئۈن-تىنسىز بەرداشلىق بېرەتتى.

نامراتلىق سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. ھەر خىل كەمسىتىش ۋە بوزەك قىلىنىشتىن باشقا، تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئۇلار يەنە ئاچلىقنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. ئۇزۇن مەزگىل ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ئېۋىتانىڭ بەدىنى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئورۇق بولغاچقا باشقىلار ئۇنى دائىم «كىچىك ئورۇق» دەپ چاقىرىشاتتى.

بۇ ئورۇق قىز كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىدە ئىنتايىن قەيسەر خاراكتېر يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۆزىگە ھاقارەت قىلغان ۋە زىيانكەشلىك قىلغان ھەرقانداق ئادەمگە باش ئەگمەيتتى. بىر كۈنى ئۇلارنى تاشلاپ كەتكەن دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ئانا بىر نەچچە بالىنى ئېلىپ، ئېۋىتانىڭ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقىلى بارغان بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ كەمسىتىشى سەۋەبىدىن، مۇراسىمغا قاتنىشىشى رەت قىلىنغان. دەل شۇ ۋاقىتتا ئېۋىتا تىپتىنچ ياتقان دادىسىغا قارىغىنىچە، كەلگۈسىدە چوقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەرباب بولىمەن دېگەنىدى. ئەينى چاغدا كىشىلەر ئېۋىتانىڭ بۇ گېپىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن، ھەتتا چاقچاق ئورنىدا كۆرۈپ، بۇنى پەقەت ئازابتىن كاللىسى قىيىپ كەتكەن قىزچاقنىڭ قۇرۇق خىيالى دەپ قاراشقان. چۈشكۈنلۈك ئۇنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلمىدى.

بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئېۋىتا ئىش ئۇققىدەك بولغاندا، «كاتتا ئەرباب بولۇش» غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتى. ھەمدە 15 يېشىدا ماجاردى ئىسىملىك بىر ناخشىچىغا ئەگىشىپ غايىسىگە يېتىش مەقسىتىدە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى ئاستىدىكى، ھەر خىل گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارغا تولغان چوڭ شەھەرگە كەلدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ماجاردى ئۇنى تاشلىۋەتتى، شۇ كېچىسى ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلدى، تىكەندەك يالغۇز قالغان ئېۋېتتا ئۆزى يالغۇز ناتونۇش شەھەردە سەرسان بولۇپ يۈردى.

لېكىن ئۇ يەنىلا بۇ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان شەھەرگە رىشتە باغلىغان بولۇپ، ئۇ بۇ يەرنى ياخشى كۆرەتتى ئۇنىڭچە بولغاندا بۇ چوڭ شەھەر ئۇنى ئارزۇسىغا يېقىنلاشتۇرالايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە گۈزەللىكىنى دەسمايە قىلىپ، دائىم تانسىخانا، تىياتىرخانا، مېھمانخانا قاتارلىق سورۇنلاردا پەيدا بولۇپ تۇردى.

بىراق ئۇ بىلەتتىكى بۇ سورۇندا تونۇشقان ئەرلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئىشەنچلىك ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ئېۋېتتانىڭ گۈزەللىكى، ئېۋېتتانىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى پەقەت ئۇلارنىڭ پۇلى ئىدى خالاس. ئەگەر بۇنداق يەردە ھەقىقىي ھېسسىيات پەيدا بولسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېۋېتتانىڭ يۈرىكىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئازابقا قويۇشى ئېنىق ئىدى، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ كىينىكى كۈنلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى ۋە بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە بىر فوتوگراف بىلەن دوست بولۇپ قالدى. ئېۋېتتانىڭ جەلپكارلىققا تولغان تاشقى قىياپىتى فوتوگرافقا، ئۇنىڭ سۈرىتىنى ژۇرنال تەھرىراتىغا يوللاپ بېرىش قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئېۋېتتانىڭ بىر پارچە سۈرىتى مەلۇم بىر داڭلىق ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقىشى بىلەن ئۇنىڭمۇ بىراقلا نامى چىقىپ كەتتى ھەتتا ھەر قايسى چوڭ كىنو شىركەتلىرى ئۇنى رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى.

بىر نەچچە قېتىملىق رول ئىلىش جەريانىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ «چوڭ ئەرباب»لارنىڭ رولىنى ئېلىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ بەلكىم ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ئارزۇسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى، فىرانسىيە خانىشى ۋە رۇسىيە ئايال پادىشاھىنىڭ روللىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالدى. ۋە ئۆزىنىڭ گۈزەل جامالى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ سەنئەت جەھەتتە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدى. لېكىن ئېۋېتتانىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالغۇسى يوق ئىدى.

1943-يىلى ئېۋىتا ھاياتىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى كۈتۈۋالدى. ئەينى چاغدا، ئارگېنتىنادا بىر مەيدان ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، پولكوۋنىك بېرون قالتىس ئىپادىسى سىياسىي چولپانغا ئايلانغانىدى. بېروننىڭ نامراتلار توغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى، ئېۋېتانى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى. ئېۋېتتانىڭ بىر نەچچە قېتىملىق ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇلار ئىككىسى بىر نەچچە قېتىم يالغۇز ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بېروننىڭ جورىسىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان ھەمدە ھازىرمۇ بويتاق ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، ئېۋىتا كۆز ئالدىدىكى بۇ ئەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ھەمراھى بولۇشىنى ئىنتىزارلىق ئىلىكىدە كۈتۈشكە باشلىدى. دەرۋەقە، بىر نەچچە قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن، بېرونمۇ ئېۋېتتانىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەللىكى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتىغا مەپتۇن بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ شېرىن مۇھەببىتى باشلاندى. بىر مەزگىل بىللە تۇرغاندىن كېيىن، بېرون بارغانسېرى ئېۋېتاغا مەپتۇن بولۇپ قالدى، ھەتتا ئۇنىڭ ئادەتتە جۇشقۇن ئاھاڭلىرىمۇ مۇلايىملىشىپ كەتتى. ئېۋىتا ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن بېرونغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ كىرىزىسنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن ئېۋېتامۇ راستتىنلا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى «كاتتا ئەرباب»قا ئايلاندى!

ئېۋىتا بىرىنچى خانىم بولغاندىن كېيىن، جاپالىق كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى چوڭقۇر چۈشەنگەچكە، كۆپ قېتىم ئاشكارا ھالدا: ئارگېنتىنا تۆۋەن قاتلىمىدىكى خەلقنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ جاكارلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مەكتەپ، زاۋۇت، دارىلئېتام قاتارلىق نامرات ئامما توپلاشقان رايونلارغا توختىماي قاتراپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، نىشانلىق ھالدا بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان. شۇڭا ئۇ ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە. ئۇ ئۆزى شۇنداق جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ باققان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئارگېنتىنا خەلقى بىلەن بولغان ھېسسىياتى شۇنچە سەمىمىي ھەم ئىللىق ئىدى.

ئەمما بىر قېتىملىق سەپەردە ئېۋېتتانىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى ۋە ئازابلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلدى ۋە مۇشۇ ئۇسسۇل ئارقىلىق ئاغرىق ئازابىنى ئازايتىشقا ئۇرۇندى.

1952-يىلى 26-ئىيۇل ئەمدىلا 33 ياشقا كىرگەن ئېۋىتا قىسقىغىنا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى چوڭقۇر سۆيىدىغان ئېرىدىن ۋە ئۇنى چەكسىز ھۆرمەتلەيدىغان ئارگېنتىنا خەلقىدىن ئايرىلدى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جەسىتى دەپنە قىلىنماي، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى. ئەمما ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە قېزىلىپ، ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئارگېنتىنا پايتەختىگە دەپنە قىلىندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تانسىخانىدا ھەمراھ خېنىم بولۇپ باققان زۇڭتۇڭ خانىمى

تويسىز تۇغۇلغان قىزدىن، زۇڭتۇڭنىڭ خانىمىغىچە بولغان 33 يىللىق قىسقىغىنا ھاياتىدا ئېۋىتا سانسىزلىغان رومانتىكىلىق كەچمىشلەرنى ۋە ئازابلىق تۇرمۇش ھېسلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.