ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بەش يىل ئەيدىز بىلەن تىركەشكەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇشايمانلىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 10:46

بەلكىم نۇرغۇنلىغان ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دوختۇردىن ئۆزىنىڭ يەنە قانچىلىك ياشىيالايدىغانلىقىنى سورىشى مۇمكىن. كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىدىن شۇنچىلىك قورقىدۇ، چۈنكى ئ‍ۇ راك كېسىلىگە ئوخشاش ساقايمايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. ھازىرغا قەدەر مېدىتسىنا ساھەسىدىمۇ ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتىدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا تېپىلمىدى، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش يول تېخى ئۇزاق، ئۇ تاكى ھاياتلىق ئاخىرلاشقۇچە داۋام قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ياشاش مەزگىلى زادى قانچىلىك بولىدۇ؟ دوختۇر مۇنداق دېدى: «ئوخشاش بولمىغان بىمارلارنىڭ ياشاش مەزگىلى ئوخشىمايدۇ، لېكىن قانچە بالدۇر بايقالسا، داۋالاش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى، ياشاش مەزگىلى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ، لېكىن قانچە كېيىن بايقالسا، داۋالاش ئۈنۈمىمۇ شۇنچە ناچار، ياشاش مەزگىلى شۇنچە قىسقا بولىدۇ».

بەش يىل ئىلگىرى شياۋتاڭ تېخى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىستىقباللىق ئوقۇغۇچى ئىدى، لېكىن بەش يىلدىن كېيىن ئۇ كېسەل كارىۋىتىدا ئۇستىخانلىرى سانىۋالغۇدەك دەرىجىدە ئورۇقلاپ كەتكەن ھالەتتە ياتاتتى، شۇ دەقىقىدە ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما قۇلاقنى يارغۇدەك سىگنال بېرىپ ھەممىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى. دوختۇر ۋە سېسترالار ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا ئامال قىلالماي، ئاخىرى بۇ ياش جېنىدىن ئايرىلدى، ئاتا ئانىسىنىڭ يىغىسى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۇراتتى.

بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بار ئىكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغىنى مەيلى توغرا ياكى خاتا بولسۇن، مەيلى ھەق ياكى ناھەق بولسۇن، ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردۇر. شياۋتاڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارنى بەش يىل بۇرۇندىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

شياۋتاڭ دوختۇرغا ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ھەم ھەۋەس ھەم ھەسەت قىلغانلىقىنى، ئەمما چىرايىغا ۋە پۇلغا قارايدىغان دۇنيادا شياۋتاڭنىڭ شۇ قەدەر ئامالسىزلىقى، ئۇنىڭ پۇلى يوق، ھەم كېلىشكەن ئەمەسلىكى، بۇنداق بولغاندا تەبىئىيلا قىزلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۇنى ناھايىتى بىئارام قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

كەچ كىرىشى بىلەنلا ئوغۇللار ياتىقىدا ئوغۇللار ئ‍ۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار توغرىسىدا پاراڭ باشلانغان، ھەتتا بەزىلەر خىجىل بولماي قىز دوستى بىلەن بولغان ئىشلارنىمۇ سۆزلەۋەرگەن، بۇنداق بولۇنغان گەپ-سۆزلەر تەبىئىيلا ئىش كۆرۈپ باقمىغان شياۋتاڭنىڭ يات جىنسقا بولغان ئوتتەك قىزىقىشىنى قوزغىغان. ياشلىق قىززىققانلىققا تولغان بولىدۇ، شياۋتاڭغا ئوخشاش ياشتىكىلەر تېزلا ھاياجانلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان ھەم جىنسىي ئېھتىياجى كۈچلۈك بولغاچقا، ئاسانلا خەتەرگە يېقىنلاپ قالغان. قىز دوست تاپالمىغان شياۋتاڭ بىر كۈنى كەچتە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن خۇشاللىق ئىزدەپ كەچلىك كۇلۇبقا بارغان، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق جىنسىي كەچۈرمىشىنى ئەسلەشتىن قورقۇپ كەلگەن، ئۇ ئەگەر شۇ قېتىم بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغان بولسا بەلكىم يۇقۇملىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىككىنچى كۈنى تەشۋىشكە چۈشكەن شياۋتاڭ تورغا چىقىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەيدىز كېسىلىنى توسقۇچى دورىلارنى ۋاقتىدا ئىچسە، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئەيدىز كېسىلىنى توسۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن پۇرسەت بار ئىدى، لېكىن ئۆزى خېلى ئۇزاق ئىككىلىنىپ، ئاخىرى يەنىلا بېرىشقا جۈرئەت قىلالماي ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويغان. تاكى شياۋتاڭنىڭ ئىچى سۈرۈش، قىزىش، پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنلىرى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، شۇ قېتىملىق ئېغىر يۇقۇملىنىش ئۇنىڭ ياش ھاياتىنى نابۇت قىلغىلى تاس قالغاندا، ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆلۈمنىڭ ئۆزىگە شۇنچىلىك يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان. كېيىن دوختۇر ئۇنىڭغا بۇنداق ئېغىر يۇقۇملىنىشىنىڭ باش جىنايەتچىسى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئ‍ەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇنىڭ ئەيدىز كېسەللىكى بىر قەدەر كېيىن بايقالغان. دوختۇر ئېيتقاندەك داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى كېسەللىك بايقىلىشىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، شياۋتاڭ ئاران بەش يىللا ياشىيالىغان.

ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەنىلا ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولۇش، ئېغىر يۇقۇملىنىش، ھەتتا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئىبارەت.

شۇنى ئېنىق بىلىشىڭىز كېرەككى ئەيدىز ئەتراپىڭىزدىلا، سىزنى نابۇت قىلىشقا پەقەت ۋە پەقەت بىر قېتىملا يېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بەش يىل ئەيدىز بىلەن تىركەشكەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇشايمانلىرى

بەلكىم نۇرغۇنلىغان ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دوختۇردىن ئۆزىنىڭ يەنە قانچىلىك ياشىيالايدىغانلىقىنى سورىشى مۇمكىن.