ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى زادى نېمە ئىش قىلغان؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 11:07

ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغاچقا، ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدىمۇ نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەر بولدى، ئىنسانلار نۇرغۇن كۈچلۈك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى كەشىپ قىلدى، بۇ دوختۇرلارنىڭ كېسەل داۋالىشىغا زور ياردەم بەردى، دوختۇرلار نۇرغۇن مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى يەڭدى، كىشىلەرمۇ شۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا رەھمەت ئېيتىش كېرەك.

بىراق پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ۋىرۇسمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ۋىرۇسلارنى ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكىسىمۇ ھەل قىلالمايۋاتىدۇ، مەسىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى دېگەندەك. سىلەر بەلكىم بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلى دەسلەپتە شىمپەنزىدىن كەلگەن، ئۇنداقتا تۇنجى يۇقۇملانغۇچى زادى نېمە ئىش قىلغان؟ كېيىن ئامېرىكا ئالىملىرى تەجرىبە ئارقىلىق بۇنىڭغا يەكۈن چىقارغان.

دۇنيادىكى تۇنجى ئەيدىز كېسىلى بىمارى 1981-يىلى بايقالغان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 37 مىليون 900 مىڭغا يەتكەن، دەل ئەيدىز كېسىلىنىڭ قورقۇنچلۇق قىرغىنچىلىق كۈچى بولغاچقا، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل ئالىملىرى ئەيدىز كېسىلىنى قانداق داۋالاپ ساقايتىش ئۈستىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

ئالىملار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئەسلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئافرىقىدىكى كامېرون شىمپەنزىلىرىدە پەيدا بولغان بولۇپ، تارقىلىش سەۋەبى شۇ جايدىكى بىر خىل ئادەتتىن كەلگەن ئىكەن، يەرلىك كىشىلەر ئورانگۇتاننىڭ قېنىنى ئىچسە بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ دەپ قارىغاچقا، قەبىلىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر شىمپەنزىنىڭ قېنىنى ئىچىپ باققان، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپىيىشكە باشلىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئالىملار چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىلا ئىنسانىيەت دۇنياسىغا قەدەم قويغانلىقىنى بايقىغان، پەقەت ئافرىقىنىڭ داۋالاش ئىشلىرى ئارقىدا قېلىپ، ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكى، 1982-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بېكىتىلگەنلىكى، ھەتتا داۋالاش ئىشلىرى كۈچلۈك بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىغا نىسبەتەن ئامالسىز قالغانلىقى مەلۇم بولغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى زادى نېمە ئىش قىلغان؟

ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغاچقا، ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدىمۇ نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەر بولدى