ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئايرودرومدىكى لىفىتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ قازا قىلغان ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زور تۆلەمگە ئېرىشتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 16:51

سىرتقا چىققاندا بەزى تاسادىپىيلىقلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر مېيىپ ئايال ئايرودۇرۇم لىفىتىدە يىقىلىپ كېتىپ قازا قىلدى، ئائىلىسىدىكىلەر ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، ئاخىرىدا ئۈچ مىليون دوللار (تەخمىنەن 19 مىليون يۈەن) تۆلەمگە ئېرىشتى.

فوكس خەۋەرلىرىنىڭ 24-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، 74 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئايال كەيتنا 2017-يىلى پورتلاند ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان ئالمىشىپ ئۆيگە قايتقان، ئۇ مېيىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى ئەمەس بولۇپ، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. كەيتنانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ ئايروپىلان ئالمىشىشىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەسلىدە ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەر يۈزى مۇلازىمەت ئەترىتىگە ھاۋالە قىلىپ، بىر مۇلازىمەتچى خادىم ئەۋەتىپ كەيتنانىڭ ئايرودۇرۇمدا ھەرىكەت قىلىشىغا ياردەم قىلماقچى بولغان، ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر كەيتنا ئۆزى يالغۇز توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ لىفىتتا پەيدا بولغان.

تېلېكامېرادىن قارىغاندا، كەيتنا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ لىفىتتىن چۈشمەكچى بولغان، ئەمما ئېغىرلىق مەركىزى مۇقىم بولمىغاچقا، چاقلىق ئورۇنداق ئۆرۈلۈپ، نەچچە كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى چاقلىق ئورۇندۇق كەيتنانى بېسىۋېلىپ، بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى يارىلانغان. ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئەسلى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى ئىدى، لېكىن ناھايىتى تېزلا يارا ئېغىزى يۇقۇملىنىپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەر كېلىپ چىققان، دوختۇر ئاۋۋال ئۇنىڭ پۇتىنى كېسىۋەتكەن، ئىككى ئايدىن كېيىن كەيتنا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقتىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

ئائىلىسىدىكىلەر ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئەۋەتكەن خادىملار كەيتنانى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەي، تىراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان.

ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن مۇناسىپ زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئالياسكا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا كەيتنا مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ياردىمىنى رەت قىلىپ، ئۆزى يالغۇز چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماقچى بولغان. 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سوت مەھكىمىسى ئۈچ يىل سوت قىلىش ئارقىلىق ئالياسكا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كەيتنانىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۈچ مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشى كېرەك، بۇ ئادۋوكاتلىق ھەققى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان باشقا خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

كەيتنانىڭ قىزى: «ئانام ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلىغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، ئاخىرى بۇ ئۇزاققا سوزۇلغان دەۋانى ئاخىرلاشتۇردۇم، ئانامنىڭ كۆزى خاتىرجەم يۇمۇلىدىغان بولدى» دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئايرودرومدىكى لىفىتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ قازا قىلغان ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زور تۆلەمگە ئېرىشتى

تېلېكامېرادىن قارىغاندا، كەيتنا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ لىفىتتىن چۈشمەكچى بولغان، ئەمما ئېغىرلىق مەركىزى مۇقىم بولمىغاچقا، چاقلىق ئورۇنداق ئۆرۈلۈپ، نەچچە كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى چاقلىق ئورۇندۇق كەيتنانى بېسىۋېلىپ، بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى يارىلانغان