ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىرامپ مەبلەغنى قالايمىقان ئىشلىتىش دېلوسىغا چېتىلىپ قالدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 16:57

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 24-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەڭ يېڭى بىر سوت ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ چوڭ ئوغلى كىچىك دونالد تىرامپ (Donald Trump Jr) مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنىڭ باش تەپتىشى كارل راسىن (Karl Racine) ئىشخانىسىنىڭ ئىسپات ئېلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان، ئۇ ھازىر سابىق زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەبلەغنى قالايمىقان ئىشلىتىش دېلوسى توغرىسىدا ئەرز سۇنماقتا.

يېقىندا راسىن تاپشۇرغان سوت ھۆججىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، كىچىك دونالد تىرامپ 11-فېۋرال گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن تەمىنلىگەن، ئۇنىڭدىن تىرامپ گۇرۇھىنىڭ 2017-يىللىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بىر ھەپتىدە ئىمزالىغان بىر مېھمانخانا توختامى ھەققىدە سورالغان. ھۆججەتتە دېيىلىشىچە، كىچىك دونالد تىرامپنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى».

ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مېھمانساراي توختامىدىكى ئالاقىلاشقۇچى سانتورو (Lindsay Santoro) بولۇپ، ئۇ تىرامپ گۇرۇھىدا خىزمەت قىلغان، ئىلگىرى كىچىك تىرامپنىڭ مەمۇرىي ياردەمچىسى بولغان، توختامدىكى ھوقۇق بېرىلگەن ئىمزا كىچىك تىرامپنىڭ يېقىن دوستى گېنترى بىچ (Gentry Beach)نىڭ ئىكەن. مېھمانخانا ياتىقىنىڭ تالونى 2017-يىلى 7-ئايدا تىرامپنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ھەمدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كومىتېتى 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ياتاق پۇلى تۆلىگەن.

راسىن سوتچىدىن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلاردىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ماتېرىيال ۋە ئىقرارغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان، ھۆججەتتە ئۇلارنىڭ قاتمۇقات توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەنلىكى، يەنى ئازدۇرۇش خاراكتېرلىك گۇۋاھلىق سۆزى، تاقالغان مېھمانخانا ۋە 8-فېۋرال دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېلان قىلىپ، توختىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئاشكارىلانغان يېڭى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش قاتارلىقلار.

راسىن ئىشخانىسى 2020-يىلى تىرامپ گۇرۇھى ۋە سابىق زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كومىتېتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ، بۇ كومىتېتنى مەبلەغنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتتى، دەپ ئەيىبلىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك ئەيىبلەشتە، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كومىتېتى ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونىدىكى تىرامپ خەلقئارا مېھمانسارىيىدا مەبلەغنى قالايمىقان ئىشلەتكەن، جۈملىدىن تىرامپنىڭ ئۈچ پەرزەنتى ئۈچۈن شەخسىي يىغىلىش قىلغان.

سوت ھۆججىتىدە مۇنداق دېيىلدى: 2020-يىلى 12-ئايدا راسىننىڭ ئىشخانىسى تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىك گەيتىس (Rick Gates)، ئاقساراينىڭ مەسلىھەتچىسى ئىۋانكا قاتارلىقلار توغرىسىدا ئىسپات ئېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تىرامپ مەبلەغنى قالايمىقان ئىشلىتىش دېلوسىغا چېتىلىپ قالدى

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ چوڭ ئوغلى كىچىك دونالد تىرامپ (Donald Trump Jr) مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنىڭ باش تەپتىشى كارل راسىن (Karl Racine) ئىشخانىسىنىڭ ئىسپات ئېلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان،