ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى: خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىشىپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 11:03

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى يېللېن 6-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كىلىمات مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شەخسىي سېلىنمىغا ئىلھام بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدۇ.



يېللېن شۇ كۈنى «مالىيە مىنىستىرلىرى كىلىمات ھەرىكىتى ئىتتىپاقى» ئۆتكۈزگەن يىغىنغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچلۈك دۇنياۋى ھەمكارلىققا موھتاج. نۆۋەتتە بايدېن ھۆكۈمىتى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى جاكارلىدى، ھەمدە مۇشۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىلىمات باشلىقلار يىغىنىدا 2030-يىللىق پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانىنى بېكىتتى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭدا مۇھىم رولنى جارى قىلدۇرىدۇ.

يېللېن يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىغا نازارەت قىلىش كومىتېتى ۋە خەلقئارا مۇنبەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ۋە ماكرو ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان خەۋپ-خەتىرىنى چۈشىنىدۇ ۋە ئازايتىدۇ. شۇنداقلا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش بىرىكمىسى ۋە تاكتىكىسىنى «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ نىشانى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

يېللېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالىيە مىنىستىرلىقى ئاقساراي، پارلامېنت ۋە باشقا تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي پىلان ۋە باج سىياسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى نىشانىنى قوللاش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماس كېلىدىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە «كاربونسىزلاشتۇرۇش» ئىقتىسادىغا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئامېرىكا يەنە كىلىمات مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نورمىدىن سىرت خۇسۇسىي مەبلەغ سېلىشقا ئىلھام بېرىپ، كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ «پارىژ كېلىشىمى» نىشانى بىلەن بىردەك بولغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

«مالىيە مىنىستىرلىرى كىلىمات ھەرىكىتى ئىتتىپاقى» 2019-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 60 دۆلەت ئەزا بولدى. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مالىيە سىياسىتى ۋە خۇسۇسىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق كىلىمات ھەرىكىتىنى قوللاپ، تېخنىكا ياردىمى ۋە ئۈنۈملۈك سىياسەت ئىدىيەسىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت.

تىرامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە، ئامېرىكا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىققان. بۇ يىل 1-ئايدا بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، 2-ئايدا بۇ كېلىشىمگە رەسمىي قايتىپ كەلگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى: خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىشىپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدۇ

ئامېرىكا كىلىمات مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شەخسىي سېلىنمىغا ئىلھام بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدۇ.