ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاجرىشىشقا بولغان توغرا تونۇش

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 11:21

1. تويدىن ئاجرىشىش توغرىسىدا

بەزىلەر گېپىمىز بىر يەردىن چىقمىسا، ئاجرىشىمىز دەيدۇ؛ بەزىلەر ھەر قانچە بەختسىز بولسىمۇ، يەنىلا ئاجرىشىشنى خالىمايدۇ؛

بەزىلەر تويدىن ئاجراشقاندىن كېيىن، ئۆز قارارىغا پۇشايمان قىلىپ، يارىشىپ قالماقچى بولىدۇ؛ بەزىلەر تويدىن ئاجرىشىش خۇددى ناھايىتى نومۇسلۇق ئىشتەك، ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنى بەك تۆۋەن ھېس قىلىدۇ؛ بەزىلەر ئاجراشسىمۇ يەنىلا مۇھەببەتكە ھەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئادەمنى ئۇچرىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ؛ بەزىلەر ئاجراشقاندىن كېيىن مۇھەببەتكە ئىشىنىشنى خالىمايدۇ، شۇنداقلا دۇنيادا ھەقىقى مۇھەببەت قالمىغاندەك ھېس قىلىدۇ.

شۇنداق، ئوخشاش بولمىغان ئادەملەر ئوخشاش ئىشقا نىسبەتەن، ھامان ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتا بولىدۇ. گەرچە ھەربىر ئادەمنىڭ تاللاش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما تويدىن ئاجرىشىش ئىشىدا بەك ئالدىراقسانلىق قىلىش ئانچە ئاقىلانىلىك ھېسابلانمايدۇ.

2. توي قىلغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى ئاسانلىقچە ئاجراشماڭ

ئىلگىرى بىر جۈپ قىز-يىگىت تونۇشۇپ بىر ھەپتىگە بارمايلا توي قىلغان، ئەمما يەنە بىر ھەپتىگە بارمايلا ئاجراشقان، سەۋەبى تويدىن بۇرۇن بىر-بىرىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغان. ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا ئۇلار توي قىلىش ۋە ئاجرىشىش جەريانىنى تۈگىتىپ بولغان، يەنى، توي قىلىش ۋە ئاجرىشىش ئۇلار ئۈچۈن ئويۇننىڭ ئورنىدا بولۇپ قالغان. توي تۇرمۇشى ھەرگىزمۇ ئۇنداق يەڭگىللىك قىلىدىغان ئىش ئەمەس، توي دېمەك ئۇ بىر مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر.

توي قىلىش ئۆمۈرلۈك ئىش، توي قىلىشتىن بۇرۇن ئادەم ئېھتىياتچان بولۇشى، توي قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.

تۇرمۇشتا سىز بىرى بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلغان بولۇشىڭىز، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولۇشىڭىز، تويدىن كېيىن بولسا، نۇرغۇن ئىشلاردا ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەر كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ ياخشىسى ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەڭ.

ھەربىر ئادەمنىڭ تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشىدا ئوخشىمىغان مەسىلىلەر بولىدۇ، مەسىلىگە يولۇققاندا ئويلايدىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇش ئەمەس، بەلكى مەسىلىگە ئاكتىپ يۈزلىنىپ ئۇنى ھەل قىلىش.

ئىككى ئادەمنىڭ تونۇشۇپ توي قىلىشىمۇ بىر خىل تەقدىر، ئىككى يات جىنس بىر-بىرىنى تاللىغان ئىكەن، ئۇنداقتا ۋاز كەچكەندىن كۆرە، ئۆز-ئارا كۆپرەك يول قويۇپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلغان ياخشى، ئاسانلىقچە قارشى تەرەپتىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك، بولمىسا كېيىن پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن.

3.ھەقىقەتەن بەختسىز بولۇپ قالسىڭىز، ۋاز كەچسىڭىز بولىدۇ

ئەلۋەتتە، قارشى تەرەپنى ئۆزىڭىز تاللىغان، شۇڭا بەزى كىچىك ئىشلار بىلەنلا ھېسسىياتىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرماسلىقىڭىز كېرەك، ئەمما بۇ ھەر قانچە ئازابلىق بولسىمۇ يەنىلا داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك دېگەنلىك ئەمەس.

توي قىلىش سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش بولماستىن، بەلكى بىر ئادەمنىڭ يېنىڭىزدا بولۇشى ۋە تۇرمۇشىڭىزنى دائىم مەنىلىك ھېس قىلدۇرۇشى.

ئەگەر سىز پەقەت ئۈمىدسىزلىكنى ھېس قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزۇپ چىقىش مەجبۇرىيىتىڭىز بار، ئۇنىڭ يېنىدا بىكاردىن-بىكار ھاياتىڭىزنى ئىسراپ قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

ھەممە ئادەم سىزگە قېرىغىچە ھەمراھ بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ، بەزىدە خاتا تاللاشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، پەقەت خاتا تاللاپ قالغان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ زىياندىن ساقلىنىش مەجبۇرىيىتىڭىز بار ئەلۋەتتە، يەنە كەلگۈسىڭىزنى يېڭىدىن باشلاش ھوقۇقىڭىزمۇ بار.

4.ئاجراشقان بولسىڭىزمۇ، يەنىلا سۆيۈلۈشكە ئەرزىيسىز

بىر كۈنى، سىز راستتىنلا ئاجراشقاندا، توينىڭ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز، بەزىلەر ئازابلىنىدۇ، ئاندىن ھېچكىمنى ياخشى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئەگەر سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاجرىشىپ كەتتىم دەپلا ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز ھېچكىم سىزنى ياخشى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.

سىزنىڭ قىممىتىڭىز توي قىلغان-قىلمىغان ياكى ئاجراشقانلىقىڭىزدا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ زادى قانداق ئادەم بولغانلىقىڭىزدا.

ئاجرىشىشنى بەك ئېغىر ئويلاپ كەتمەڭ، ئۇ پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر خىل ھالىتى، پەقەت بىر مەزگىللىك كەچۈرمىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ خالاس، باشقا ھېچقانداق نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

توي قىلسىڭىزمۇ، ئاجراشسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ ناھايىتى نورمال ئىش. ئاجراشقاندىن كېيىن، سىز يەنىلا سىز، سىز يەنىلا ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئادەمنى ئۇچرىتالايسىز، ئۇ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، قالغان ئۆمرىڭىزنى بىللە ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ. ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى سىزنىڭ ئىلگىرىكى ھەمراھىڭىز ۋە سىز ئاجرىشىش سەۋەبلىك ئورۇنسىز كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋېلىشىڭلار مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە توي قىلىش ھەرگىز سىز ئويلىغاندەك ئاددىي ئىش ئەمەس، شۇڭا، توي قىلىشتىن ئاۋۋال قارشى تەرەپنى قانچىلىك چۈشىنىسىز، مىجەزىڭلار كېلىشەمدۇ ياكى سىلەر ھەقىقەتەن ماس كېلەمسىلەر دېگەننى ئويلاڭ، توي قىلغان ئىكەنسىز بەزى ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، ئۆز-ئارا يول قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

تويدىن ئاجراشقاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى روھلۇق تۇتۇپ، تۇرمۇشىڭىزنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىڭ، قەلب دەرۋازىڭىزنى كەڭ ئېچىپ مۇھەببەتكە ئىشىنىڭ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم يولغا چىقىڭ، سىز چوقۇم تېخىمۇ ئەرزىيدىغان بىر ئادەمنى ئۇچرىتالايسىز.

مەيلى كىشىلىك ھايات بولسۇن ياكى توي بولسۇن، ئىزچىل ئۇنداق ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. بىراق ھېچقىسى يوق، دەل مۇشۇنداق بوران-چاپقۇن بولغاچقىلا، كىشىلەر ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ، بەزى ئادەملەرنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، بەزى ئىشلارنى چۈشىنەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ھېچقانداق ئوڭۇشسىزلىق بولمىغان ھاياتنىڭمۇ ھېچقانداق مەنىسى بولمايدۇ.

توي يولىدا، بوران-چاپقۇننى رەت قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھەم رەت قىلالمايسىز، شۇنداق بولغانىكەن، سىز پەقەت بوران-چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەڭ. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆز-ئارا ماس كەلمىسەڭلار، بەختتىن ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئىشقىلىپ، ئاسانلىقچە ئاجرىشىشنى تاللىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن ئۆزىڭىزدە ئاجرىشىشنى تاللىيالايدىغان جاسارەتمۇ چوقۇم بولۇشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاجرىشىشقا بولغان توغرا تونۇش

بەزىلەر گېپىمىز بىر يەردىن چىقمىسا، ئاجرىشىمىز دەيدۇ؛ بەزىلەر ھەر قانچە بەختسىز بولسىمۇ، يەنىلا ئاجرىشىشنى خالىمايدۇ؛