ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامىر خان كىنو پايدا ئالالمىسا ھەق ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-11 16:14

ئامىر خان ئۆزىنىڭ ھەربىر كىنوسىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىدىغانلىقى، كىنونىڭ ھەربىر تەپسىلاتلارغىچە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئامىر خان يەنە فىلىم ئىشلىگۈچىلەر كىنو بېلەت كىرىمىدىن پايدا ئالمىغۇچە ھەق ئالمايدىغانلىقى بىلەن باشقا چولپانلارغا ئۈلگەن بولغان.

بۇ توغرىسىدا توختالغاندا، ئامىر خان: «مەن كىنولاردىن ئالدىن ھەق ئېلىشنى توختاتتىم. كىنودىن پايدا چىقمىغۇچە كىنودىن ھەق ئالمايمەن. كىنونىڭ كىرىمىنى ئاۋۋال مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈلۈشۈشى كېرەك. ھەممە ئادەم ھەققە ئېرىشىپ، تەننەرخنى چىقىرىۋالغاندا، مەن ئاندىن پايدا ئۈلۈشىمەن. ئەگەر كىنودىن پايدا چىقمىسا، مەن كىنودىن پۇل ئالمايمەن. زىياننى باشقىلار ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك. مەنمۇ زىيانغا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك» دېگەن.

ئامىر خان يەنە تولۇقلاپ چۈشەندۈرۈپ: «ئەگەر بىر كىنوغا فىلىم گۇرۇپپىسى، سۈرەتكە ئېلىنىش ھەققى، تەشۋىقات ھەققى قوشۇلۇپ بىر مىليارد رۇپىيە كەتتى دېسەك. بۇ ۋاقىتتا مەن فىلىم ھەققى ئالمايمەن. كىنو قويۇلۇپ بېلەت كىرىمى بىر مىليارد رۇپىيەدىن ئاشقاندىن كېيىن، فىلىم ئىشلىگۈچى ئاندىن سالغان مەبلىغىنى قايتۇرىۋالالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا دېيىشكەن بويىچە قالغان پايدىنى پېرسەنت بويىچە ئۈلۈشىمەن. ئەگەر كىنو زىيان تارتسا ھەق ئالمايمەن» دېگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有