ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھوللىۋود ئارتىسلىرىدىن قېلىشمايدىغان بوللىۋود ئارتىسلىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-11 16:20

ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩنىڭ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻠﯩﺮﯨمۇ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺭﻭﻝ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﻰ ۋە ﮔﯜﺯﻩل لاتاپىتى ﺑﯩﻠﻪن كۆپلىگەن ھوللىۋد چولپانلىرىدىن قېلىشمايدۇ. تۆۋەندە ھوللىۋود ئارتىسلىرىدىن قېلىشمايدىغان بوللىۋود ئارتىسلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:



پرىيانكا چوپرا (Priyanka Chopra)

پرىيانكا چوپرا 2000-يىلى دۇنيا خانقىزى بوپ تاللانغان، ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ھوللىۋودتا تەرەققىي قىلغان، يەنە ئامېرىكىنىڭ داڭلىق رەپ ناخشا چولپىنى پىتبۇل بىلەن مۇزىكا ۋدېيوسى ئىشلىگەن. پروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان، ئامېرىكنىڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللىرىدىمۇ نامايان بولغان.



سونام كاپۇر (Sonam Kapoor)

سونام كاپۇرنىڭ ئارتىس بولشىغا تۈرتكە بولغىنى ئۇنىڭ دادىسى ئانىل كاپۇر (Anil kapoor). سونامنىڭ ئاپىسى سۇنىتا كاپور(Sunita kapoor)مۇ بولسا ئۆز ۋاقتىدىكى داڭلىق مودېل. مانا بۇ ئەۋزەل شارائىت ئارقىسىدا سونام كاپۇرمۇ تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغان. ئەلۋەتتە سونام كاپۇر كەسپىي ھاياتىنى ئارتىسلىقتىن باشلىمىغان، 2005- يىلى ئۇ «ئاخىرقى ئۈمىد» (最后的希望) ناملىق كىنونىڭ ياردەمچى رېژىسسورى بولغان، ئىككى يىلدىن كېيىن كىنودا رول ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ 15تىن ئارتۇق كىنودا باش رول ئالغان. سونام كاپۇر ھازىر بىر كىنو ئارتىسىلا ئەمەس بەلكى نوپۇزلۇق ژۇرنال ۋە تاراتقۇلاردا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم شەخس. ئۇ 2018-يىلى 5-ئايدا توي ئاناند ئاھۇجا (anand ahuja) ئىسىملىك كاتتا سودىگەر بىلەن توي قىلغان.



دىيانا پىنتىي (Diana Penty)

دىيانا پىنتي ھىندىستاندىلا ئەمەس بەلكى چەتئەللەردىمۇ ئىنتايىن داڭلىق، ئۇ 10 نەچچە ياش ۋاقتىدىلا مەلۇم يەر شارى مودېللىق ۋاستىچىلىك شېركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان ،ئۇزۇنغا قالمايلا ئۇ داڭلىق ماركىلارنىڭ ئېلانلىرىدا نامايان بولۇشقا باشلىغان، كېيىن كىنولاردا رول ئېلىشقا باشلىغان. 2012-يىلى«كوكتېل ھارىقى» (鸡尾酒) ناملىق كىنودا رول ئالغان. دىياننا باش رول ئالغان كىنولاردىن «لاكنوۋنىڭ مەركىزى» (勒克瑙的中心)، «پارمانۇ: پوكلاننىڭ ھېكايىسى» (帕尔马怒:波克兰的故事) قاتارلىقلار بار.



چىترانگادا سىڭ (Chitrangada Singh)

چىترانگادا سىڭ دەسلەپتە مودېللىق بىلەن شۇغۇللانغان، 2003-يىلى تۇنجى كىنوسىدا رول ئالغان، بۇ كىنو ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان. چىترانگادا تالانتلىق ئارتىس بۇلۇش سۈپىتى بىلەن تاماشىبىنلار ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ 15تىن ئارتۇق كىنودا رول ئالدى.



ئىلىيانا دىكرۇز (Ileana D'Cruz)

ئىلىيانا دىكرۇز ئىنتايىن چىرايلىق، بۇرۇنلا تاماشا ساھەسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. 20 دىن ئارتۇق كىنودا باش رول ئالغان، ئۇ كەسپىي ھاياتىنى 2006-يىلى ئىشلەنگەن «دېۋداس» (德维达斯) ناملىق كىنودا رول ئېلىشتىن باشلىغان.



كاترىنا كەيف (Katrina Kaif)

كاترىنا كەيف بولسا بوللىۋودتىكى فىلىم ھەققى يۇقىرى ئارتىسلارنىڭ بىرى، ئۇمۇ دەسلەپتە مودېللىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئەسلى ئارتىس بولۇشنى ئويلاشمىغان، تاساددىپىي پۇرسەتتە كىنو سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدا داڭلىق رېژىسسور كايزاد گۇستاد (kaizad gustad )نىڭ دېققىتىنى تارتقان. كاترىنانىڭ تۇنجى رول ئالغان كىنوسى بېلەت كىرىمىدە مەغلۇپ بولغان، ئەمما بۇ كاترىنا ئۈچۈن باشلىنىش بولغان، كېيىن ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىنو تەكلىپلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان. كاترىنا ھازىرغا قەدەر 30دىن ئارتۇق كىنودا باش رول ئالدى.



فرېيدا پىنتو (Freida Pinto)

فرېيدا پىنتونى دۇنياغا داڭلىق كىنو ئارتىسى دېسەك تامامەن بولىدۇ. ئۇ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «نامراتلا مەھەللىسىدىكى مىليونېر) (贫民窟的百万富翁) ناملىق كىنودا رادىكا ئوبرازىنى ياراتقاندىن كېيىن تاماشىبىنلار ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. فرېيدا كېيىن«شىمپەنزىلەر غەليانى) (猿族崛起) قاتارلىق بىر قىسىم ھوللىۋود كىنولىرىدا رول ئالغان، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن غايەت زور مۇۋاپىقىيەت ھېسابلىنىدۇ.



دېپىكا پادۇكون (Deepika Padukone)

دېپىكا پادۇكونمۇ بوللىۋودتىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن چولپانلارنىڭ بىرى. ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا مودېللىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇزۇنغا قالمايلا ئۇ ھىندىستاننىڭ داڭلىق ژۇرنال مۇقاۋىلىرىدا نامايەن بولۇشقا باشلىغان. دېپىكا 2006-يىلى رەسمىي تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغان ھەمدە رول ئالغان ھەر بىر كىنوسى تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرشىكەن. 2018-يىلى دېپىكا ئارتىس رانۋېر سىڭ (Ranveer Singh) بىلەن توي قىلغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھوللىۋود ئارتىسلىرىدىن قېلىشمايدىغان بوللىۋود ئارتىسلىرى

ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.