ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تەبىئەت دۇنياسىدىكى تاسادىپىيلىقلار

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-11 16:34

تەبىئەت رەڭگارەڭ بولۇپ، ئۇ ھەمىشە ئويلىمىغان يەردىن گۈزەل مەنزىرىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. باشقا ھايۋانلارنىڭ يۈزىدىكى كۈلكە، كىتلارنىڭ يۈرىكىگە ئوخشايدىغان دېڭىز دولقۇنى ۋە ساقىيقۇشنىڭ تۇمشۇقىدىكى بېلىجانلار.… بۇ ئۇدۇل كېلىپ قالغان گۈزەللىكلەر ئەمەلىيەتتە دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، پەقەت ئىنسانلار ناھايىتى ئاز دىققەت قىلىدۇ خالاس.

بۇ ئات خۇددى بىرەر كۈلكىلىك ئىشنى كۆرگەندەك ياكى ئاڭلىغاندەك قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئاتنىڭ ئەسنەۋاتقان مەلۇم بىر پەيتتىكى چىراي ئىپادىسى ئىدى. ئاتنىڭ ئەسنەشتىكى سەۋەبى ئىنسانلارغا ئوخشاش ھېرىپ قالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ھاياجانلىنىشتىن بولۇشى مۇمكىن.

رەسىمدىكى چايكا بىر چوڭ قىسقۇچپاقىنى چىشلىۋالغان، ئەمما چوڭ قىسقۇچپاقا قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئامالسىز قالغان. ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا باشقا بەزى گۆشخور ھايۋانلارنىڭ نەزىرىدە، مەسىلەن، دېڭىز چايكىسى، قىسقۇچپاقا گۆشىمۇ ئىنتايىن مەززىلىك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. قىسقۇچپاقا گۆشىنىڭ چايكىغا بولغان جەلپ قىلىش كۈچى ناھايىتى زور بولغاچقا، چايكا باشقا ئولجا تۇتۇشقا قارىغاندا كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ قىسقۇچپاقىنىڭ پوستىنى ئېچىشنى خالايدۇ. كۆپ قېتىم قىسقۇچپاقا تۇتۇپ يېگەندىن كېيىن، چايكا قىسقۇچپاقىنىڭ مۇداپىئەسىدىكى بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغىچە ھۇجۇم قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

بۇ كىت ئۇنىڭ بايىلا ئۆزىنىڭ بىر يۈرەك شەكىللىك دولقۇن پەيدا قىلغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن ئۇنىڭ بىلىدىغىنى شۇكى، ئۇ بالىلىرىنى ئېلىپ يىراق ئوكيانغا كۆچۈۋاتىدۇ. سەپەر جەريانىدا ھەم گۈزەللىك ۋە خۇشاللىق بار، خەتەر ۋە تەشۋىشلىنىشمۇ بار.

ئاۋسترالىيە ساقىيقۇشىنىڭ تۇمشۇقى بارلىق قۇشلار ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن. ئۇنىڭ تۇمشۇقىنىڭ ئاستىدا يەنە بىر كېڭىيىدىغان كېكىردەك خالتىسى بار. لىق سۇ قاچىلانغان كېكىردەك خالتىسى خۇددى بىر كىچىك كۆلچەككە ئوخشايدۇ، بېلىجانلار ئۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى-تۆۋەن سەكرىيەلەيدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تەبىئەت دۇنياسىدىكى تاسادىپىيلىقلار

تەبىئەت رەڭگارەڭ بولۇپ، ئۇ ھەمىشە ئويلىمىغان يەردىن گۈزەل مەنزىرىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.