ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قار مەلىكىنى سۆيۈپ ئويغىتىش جىنسىي پاراكەندىچىلىك دەپ قارالدى!

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 09:27

 

قار مەلىكىنى سۆيۈپ ئويغىتىش كېرەكمۇ؟ فىرانسىيە «LCI تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قار مەلىكە يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا قىزىق ئىزدەش تىزىملىكىگە چىقىپ، مەلىكىنى ئويغاتقان سۆيۈش جىنسىي پاراكەندىچىلىك دەپ ئەيىبلەندى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى دىسنېي شادلىق باغچىسى يېقىندا قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن، ئەمما شۇ جايدىكى بىر گېزىت «شاھزادە قار مەلىكىنى سۆيگەندە ئالدىن ماقۇللىقىنى ئالمىغان، بۇ بىر خىل جىنسىي پاراكەندىچىلىك» دەپ ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ گېزىتنىڭ تەكىتلىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە ھەتتا بالىلارمۇ «ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەن يېقىنلىق قىلمىشىدا ناھايىتى چوڭ مەسىلە بار» دېگەننى چۈشىنىدىغان بولۇپ، دىسنېينىڭ «چىن مۇھەببەت سۆيگۈسى» كۆرۈنۈشىدە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ھەرگىز تەشەببۇس قىلىشقا بولمايدىكەن.



ماتېرىيال سۈرەت: «قار مەلىكە»

بۇ ئىش تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان بولۇپ، بەزىلەر: «ئەگەر شاھزادە قار مەلىكىنى سۆيمىسە، ئۇنداقتا مەلىكە ئۆلۈپ كەتمەمدۇ؟» دېگەن.

بىراق يەنە بەزىلەر: «مۇھەببەت ھېكايىسى بۇنداق تەرەققىي قىلماسلىقى كېرەك ئىدى! كىلاسسىك كارتون فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن <قار مەلىكە> دېگەن بۇ كىنو بولمىغان بولسا دىسنېي ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى!» دېگەن.

يەنە بەزىلەر: «ئۇنداق بولسا مەلىكىنىڭ پاقىنى سۆيگەندىكى بۆلىكى ئۈستىدىمۇ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش كېرەك، نېمىلا دېگەن بىلەن پاقىنىڭمۇ بۇ ئىشنى خالىشى ناتايىن» دېيىشكەن.

«LCI تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر نۇرغۇن كىلاسسىك كىنولار كەمسىتىلىشكە چېتىلىپ قېلىپ جازالانغان. بەزى ئىنكاسلاردا مۇنداق دېيىلدى: كىنو ناھايىتى كۈچلۈك دەۋر تامغىسى بېسىلغان سەنئەت ئىجادىيىتى، نۇرغۇن كونا كىنولاردا ئىپادىلەنگەن ئىدىيە ھەقىقەتەن تەنقىد قىلىشقا ئەرزىيدۇ، لېكىن كىنومۇ ئىنسانىيەت تارىخىغا ۋەكىللىك قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان دەۋردىكى ئىجتىمائىي ئىدىيەنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قار مەلىكىنى سۆيۈپ ئويغىتىش جىنسىي پاراكەندىچىلىك دەپ قارالدى!

قار مەلىكىنى سۆيۈپ ئويغىتىش كېرەكمۇ؟ فىرانسىيە «LCI تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قار مەلىكە يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا قىزىق ئىزدەش تىزىملىكىگە چىقىپ، مەلىكىنى ئويغاتقان سۆيۈش جىنسىي پاراكەندىچىلىك دەپ ئەيىبلەندى.