ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

20 ياشلىق سۇمۇچە چېلىشىۋاتقان ماھىر قازا قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:14

يېقىندا تاراتقۇلار سۇمۇچە چېلىشىش ماھىرى ئامانو مىتسۇخىرو (Amano Mitsuhiro)نىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ يىل ئاران 28 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئاخىرىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ يىلقى سۇمۇچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ئامانو مىتسۇخىرونىڭ باش قىسمى ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، بىر ئاي دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن ئاخىرىدا يەنىلا قازا قىلغان. ئۇنىڭ قازا قىلىش سەۋەبىگە جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش دەپ دىياگنوز قويۇلغان. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئامانو مىتسۇخىرو ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلمىغان، بۇ ئۇنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

ئامانو مىتسۇخىرو ياپونىيەنىڭ سۇموچە چېلىشىشىدىكى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ماھىر، كەسىپ ئەھلىلىرى ئۇنى «زايانريو» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك ماھىرنىڭ بىرى. بۇ يىل ئەتىيازلىق مۇسابىقىدە، ئامانو مىتسۇخىرونى رەقىبى ئۇرۇپ يىقىتىۋەتكەن ھەمدە يىقىلىپ چۈشكەندە بېشى قاتتىق يەرگە ئۇرۇلۇپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئامانو مىتسۇخىرو يەنىلا سەگەك بولۇپ، مۇسابىقىنى داۋاملىق تاماملىماقچى بولغان، ئەمما سالامەتلىكى يار بەرمەي يىقىلىپ چۈشكەن. بىر مىنۇتتىن كېيىن، رېپېر ئامانو مىتسۇخىرونىڭ ئەھۋالىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى بايقاپ ئۇنى ئۆرۈپ قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى بىلگەن. ئارقىدىنلا تېببىي خادىملار ۋە خىزمەتچى خادىملار ئامانو مىتسۇخىرونىڭ يۈزىگە نەچچە قېتىم شاپىلاقلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغان. تەخمىنەن ئالتە مىنۇتتىن كېيىن، نەق مەيداندىكى خادىملار ئامانو مىتسۇخىرونى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپارغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئامانو مىتسۇخىرو دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ پالەچ بولۇپ قالغانلىقىنى، يەنە تېخى بەدىنىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى مىدىرلىتالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دوختۇر ئۇنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ھەمدە جىددىي داۋالاش لايىھەسى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ كېسىلى تېز سۈرئەتتە ئېغىرلىشىپ، دوختۇرخانىدا بىر ئاي يېتىپ كۆزىتىشنىڭ ھېچقانداق رولى بولماي، ئاخىرىدا يەنىلا بەختكە قارشى قازا قىلغان. «ياپونىيە تەنتەربىيە ژۇرنىلى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامانو مىتسۇخىرونىڭ ۋاپاتى ياپونىيە سۇمۇ مەستانىلىرىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرنى قوغدىشىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن ھەمدە تەنھەرىكەتچىلەر يارىلانغاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا داۋالاش ياردىمى بەرمىگەنلىكىدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە تېخى: «مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار دەل ئاشۇ ئالتە مىنۇتنى كەينىگە سۈرگەن بولغاچقا، ئامانو مىتسۇخىرونىڭ ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ قارىغان.

ئامانو مىتسۇخىرونىڭ ئۇستازىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامانو مىتسۇخىرونىڭ باش قىسمى ۋە ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئېغىر يارىلانغان بولغاچقا، دوختۇرخانىدا ياتقان دەسلەپكى مەزگىلدە كېسەللىك ئەھۋالى ئازراق ياخشىلانغان، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىمۇ ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، قايتىدىن سۇمۇ مەيدانىغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. ئامانو مىتسۇخىرو بۇرۇنلا مېڭە قان نوكچىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بېشى قاتتىق ئۇرۇلغاندىن كېيىن مېڭىسىدە قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ، مېڭە غولى ۋە نەپەسلىنىش ئىقتىدارى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان. بۇ ئىشتىكى يەنە بىر ۋەقە ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، يەنى بۇلتۇر 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ سۇمۇچە چېلىشىش ماھىرى بۇشى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، ئامانو مىتسۇخىرو يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ياپونىيەنىڭ سۇمۇچە چېلىشىش ساھەسىدىكى ئىككىنچى بولۇپ قازا قىلغان ماھىر بولۇپ قالغان.

بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيە سۇمۇچە چېلىشىش ساھەسى يەنە بىر قېتىم زور تالاش-تارتىش پاتقىقىغا پاتقان، بەزى مۇخبىرلار مۇنداق دەپ قارىغان: «كۆپىنچە ئەھۋالدا سۇمۇچە چېلىشىش ماھىرلىرى ئۇچرىغان جىسمانىي زىيان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايتتى، شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋالاپ ساقايتىشمۇ مۇمكىن ئىدى، شۇڭا مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرماي، ماھىرلارنىڭ يارىلىنىشىغىمۇ ئانچە ئەھمىيەت بەرمەي، بۇ قېتىمقى تىراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سۇمۇ ئەسلىدە ئىنتايىن خەتەرلىك بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەت بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئويى بىلەن مۇسابىقە كۆرگىلى كېلەتتى، ئەگەر دائىم ئامانو مىتسۇخىرونىڭكىدەك بۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرسا، كۆپچىلىكمۇ قىزغىنلىقىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقى ئېنىق، ياپونىيە سۇمۇ جەمئىيىتى بۇ ئىشقا مۇۋاپىق چۈشەنچە بېرىشى كېرەك».

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

20 ياشلىق سۇمۇچە چېلىشىۋاتقان ماھىر قازا قىلدى

يېقىندا تاراتقۇلار سۇمۇچە چېلىشىش ماھىرى ئامانو مىتسۇخىرو (Amano Mitsuhiro)نىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ يىل ئاران 28 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئاخىرىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.