ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

12 ياشلىق قىزىنى قەپەسكە سەككىز ئ‍اي سولاپ قويغان ئاتا-ئانا

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-18 10:28

تۇرمۇشتا شۇنداق بىر قىسىم باغرى تاش ئ‍اتا-ئانىلار بولىدۇ، ئۇلار بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايلا قالماستىن بەلكى يەنە بالىلىرىنى خورلايدۇ.
نىگېرىيەدە 12 ياشلىق بىر قىزنى ئاتا-ئانىسى توپتوغرا سەككىز ئاي قەپەسكە سولاپ قويغان، قىز ساقچىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغاندا ئۇ ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بولۇپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان.



ئافرىقا تاراتقۇلىرىنىڭ 17-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 13-ماي سوكوتو ئىشتاتىدىكى ساقچىلار قەپەس ئىچىدىن 12 ياشلىق بىر قىزنى قۇتقۇزۇپ چىققان. ھازىر ئۇ شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساقچىلار ۋەقەگە چېتىشلىق قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قولغا ئالغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىچارە قىزنىڭ ئىسمى جوي ئېمانۇل بولۇپ، سوكوتو ئىشتاتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايوندا تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى بېسسېي، ئانىسىنىڭ ئىسمى ئېستېر بولۇپ، ئىككىسى قىزىنى قەپەسكە توپتوغرا سەككىز ئاي سولاپ قويغان.

شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سوكوتو ئىشتاتلىق ساقچى تەرەپ ۋەكىلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاتا-ئانىسى قەپەسكە سولاپ قويغان مەزگىلدە جوي ئىزچىل ئاچ قالغان بولۇپ، بەزىدە نەچچە كۈنگىچە تاماق يېيەلمىگەن.
«بىز بېسسېي ئەر-ئايالنىڭ 12 ياشلىق قىزىنى قەپەسكە سولاپ قويۇشىنىڭ سەۋەبىنى تېخى بىلمەيمىز. 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بىرەيلەن تېلېفون قىلىپ ئۇلارنىڭ قىزىنى خورلىغانلىقىنى پاش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز دەرھال بېسسېينىڭ ئۆيىگە كېلىپ، جۈدەپ قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالغان جوينى قۇتقۇزۇپ چىقتۇق. ئەينى چاغدا ئۇ نورمال ماڭالمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاياتى خەۋپ ئىچىدە ئىدى. كېيىن بىز جوينى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتۇق، ھازىر ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدى» دېدى سوكوتو ئىشتاتلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سانۇش ئەبۇباكا شۇ جايدىكى تاراتقۇلارغا.

بۇنىڭدىن باشقا بىر ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، جوينىڭ ئائىلىسى شۇ جايدا نامرات ئائىلە ھېسابلانمايدىكەن، كۈندىلىك چىقىمدىمۇ ھېچقانداق مەسىلە يوق ئىكەن. شۇڭا ئۇمۇ بېسسېي ئەر-ئ‍ايالنىڭ قىزىنى قەپەسكە سولاپ قويغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن ئىكەن.
ھازىر شۇ جايدىكى ساقچىلار بېسسېي ئەر-ئايالنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى، ئ‍ۇ ئىككىيلەن ئۇزۇن ئۆتمەي قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. تورداشلار جوينىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى بەس-بەستە ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

12 ياشلىق قىزىنى قەپەسكە سەككىز ئ‍اي سولاپ قويغان ئاتا-ئانا

تۇرمۇشتا شۇنداق بىر قىسىم باغرى تاش ئ‍اتا-ئانىلار بولىدۇ، ئۇلار بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايلا قالماستىن بەلكى يەنە بالىلىرىنى خورلايدۇ.