ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۈرمىدە تۇرۇپمۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەر

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-20 15:50

 

ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 16-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئىئوۋوس خۇل خال (Iovos hull Hall) ئەنگلىيەلىك بولۇپ، 1989-يىلى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرىپ جازا ئۆتىگەن. 2004-يىلى ئەنگلىيە تۈرمىسىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىپ سىرتقا چىقىش بەلگىلىمىسىدىن پايدىلىنىپ تۈرمىدىن چىققان كۈنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان. نەتىجىدە ئۇنىڭغا 7 مىليون 200 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 65 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) مۇكاپات چىققان. 2005-يىلى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ تەلۋىلەرچە ئۆي سېتىۋالغان ھەمدە كارېن كامېرون ئىسىملىك ئايال بىلەن ئارىلاشقان.

2005-يىلى ئىئوۋوس خۇل 700 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 6 مىليون 350 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) باھا بىلەن ئالتە ئېغىزلىق ئۆي سېتىۋالغان. 2011-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ نېۋكاستىل (Newcastle)غا جايلاشقان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىدىن كۆچۈپ چىقىپ، ئارقىدىنلا 445 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 4 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) خەجلەپ نورسخامبېرلاند (Northumberland)تىن بىر ئۆي سېتىۋالغان، ئىئوۋوس بىلەن قىز دوستى كارېن كامېرون (Karen Cameron) ۋە ئىككى ئىتى بۇ يەردە تۇرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىئوۋوس خۇل دەسلەپتە بىر ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك شىركىتى ئارقىلىق سائىتىگە 6.50 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 59 يۈەن خەلق پۇلى) باھا بىلەن كارېننى تازىلىق ئىشچىلىقىغا تەكلىپ قىلغان، ئارقىدىن ئىككىسى چىقىشىپ قېلىپ رەسمىي ئارىلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىئوۋوس خۇل يەنە مۇكاپات پۇلىنى ھەشەمەتلىك ساياھەت كېمىسىگە خەجلىگەن.

1973-يىلىدىن بۇيان، ئىئوۋوس خۇل كۆپ قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلىنىپ، 33 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۈرمىدە تۇرۇپمۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەر

ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 16-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئىئوۋوس خۇل خال (Iovos hull Hall) ئەنگلىيەلىك بولۇپ، 1989-يىلى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرىپ جازا ئۆتىگەن.