ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھىندىستان تاراتقۇلاردىن ئۆزگەرگەن ۋىرۇسقا ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-25 16:37

ھىندىستان تاراتقۇسىنىڭ 22-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرلىقى نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ شىركەتلىرىگە خەت يېزىپ، بۇ سۇپىلاردىن «ھىندىستاندىكى ئۆزگەرگەن» يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تىلغا ئالغان ياكى ئۇنىڭدىن بېشارەت بەرگەن بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى B.1.617 بۇلتۇر (2020ـ يىلى) تۇنجى قېتىم ھىندىستاندا بايقالغان بولۇپ، سىرتتىكىلەر بۇنى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يېقىنقى مەزگىلدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب دەپ قارىغان. نۆۋەتتە B. 1.617 ۋىرۇس تۈپى ئەنگلىيە قاتارلىق 43 دۆلەتكە تارقالدى.

بۇ خەت سىرتقا ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھىندىستان تاراتقۇسى يەنىلا خەتتىكى مەزمۇنلارغا ئېرىشكەن. خەتتە مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، توردا <ھىندىستاندىكى ئۆزگەرگەن ۋىرۇس دۆلەتلەر ئارىسىدا تارقىلىۋاتىدۇ> دېگەن ساختا بايانات تارقالدى، بۇ پۈتۈنلەي خاتا.»

خەتتە يەنە بىلدۈرۈلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەر قانداق دوكلاتىدا «ھىندىستاندىكى ئۆزگەرگەن ۋىرۇس» دېگەن سۆز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ B. 1.617 ۋىرۇس تۈپى بىلەن باغلانمىغان.

ئەمما، بىر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى رېيتېر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن: «ھىندىستاندىكى ئۆزگەرگەن ۋىرۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىش ئىنتايىن قىيىن.»

ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھىندىستان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل «يېتەكچى فاڭجېن»نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەقسىتى «ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە ساختا ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش» ئىكەن. بۇ «يېتەكچى فاڭجېن»غا ئاساسەن، ئەگەر بىر ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئاتالمىش «قانۇنسىز ماتېرىيال» پەيدا بولسا، شىركەت ئەمەلدىن قالدۇرۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有