ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كېنىيەدىكى بالا پاھىشىلەرنىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-28 16:37

كېنىيە (肯尼亚) بولسا ئافرىقا قىتئەسىدىكى نامرات بىر دۆلەت. بۇ دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئارقىدا قېلىشى سەۋەبلىك بۇ دۆلەتتىكى كىشىلەر ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك ئىسكەنجىسىدە قالغان، ھەتتا بۇ يەردىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كۈن ئېلىشىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالغان.

2008-يىلى ئامېرىكىلىق گرېگ (Greg) ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ كېنىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئايالى بىلەن بۇ يەردە دارىلئېتام ئېچىپ نۇرغۇن بالىلارنى «قۇتقۇزۇپ قالغان». گرېگ ئەر-ئايال ئىككىسى دائىم يەرلىك ئاھالىلەرگە يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى تارقىتىپ تۇرىدىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككىيلەن يەرلىك كىشىلەرنىڭ ھىمايىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. شۇڭلاشقا ئۇلار گرېگ ئەر-ئايالنى «قۇتقۇزغۇچى» دەپ چاقىرىدىغان، دارىلئېتامدىكى بالىلار بولسا ئۇلارنى «دادا، ئانا» دەپ چاقىرىدىغان بولغان.

لېكىن بۇ ئاتالمىش ساخاۋەتچى ۋە ئىلگىرى يەرلىك كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ «قۇتقۇزغۇچى» دەپ تەرىپلەنگەن گرېگ ئەمەلىيەتتە «قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە» بولۇپ، قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە دارىلئېتام ئېچىشنى باھانە قىلىپ نۇرغۇن بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلغان. ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى گرېگنىڭ ئايالى ھەممە ئىشلارنى ئېنىق بىلىدىغان بولۇپ، يولدىشى باسقۇنچىلىق قىلغان قىزلارنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قېلىپ ئەپتى-بەشىرىسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنىمۇ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىشقا مەجبۇرلىغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەر-ئايالنىڭ دارىلئېتام ئېچىپ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى پەقەت بىر نىقاب بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشىنى نىقابلاپ كەلگەن.

ئالدى-كەينى بولۇپ 10 يىل مابەينىدە ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، گرېگ بۇ يەردىكى قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارغا توختىماي قارا قولىنى سۇنۇپ كەلگەن. 2017-يىلى ئاندىن ئۇنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، گرېگ ئۆزىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى ئۇققان ھامان كېنېيەدىن قېچىپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بالىلاردىن پەقەت 4 قىز بالا سوتقا چىقىپ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھچى بولغان بولۇپ، قالغان نۇرغۇن بالىلار ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى سوتقا چىقمىغان.

2018-يىلى گرېگنىڭ ئايالى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلاش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان بولسىمۇ، لېكىن باش جىنايەتچى گرېگ تېخىچە قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلماي ئەركىن يايراپ يۈرگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، كېنىيە پايتەختى نايروبىدىكى نامراتلار مەھەللىسىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم قىز-ئاياللار «ئۆزى خالاپ» ياكى مەجبۇرىي ھالدا باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تازىلىق بۇيۇملىرىغا ئېرىشىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا شۇ جايدىكى كۆپ ساندىكى ئاياللار كونا لۆڭگە، توخۇ پېيى، ھەتتا دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى تازىلىق قەغىزى ئورنىدا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بىزگە نىسبەتەن ئەڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش بويۇمى ھېسابلىنىدىغان تازىلىق قەغىزىنىڭ كېنېيەدە بولسا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك بۇيۇم ئىكەنلىكىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

گرېگ ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشلارنى ئاللىبۇرۇن سەزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار گرېگنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولغاچقا ئامالسىز ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرمەسكە سېلىشقا مەجبۇر بولغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كېنىيەدىكى نامراتلار ئاساسىي ياشاش ئېھتىياجى ۋە تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن ھەل بولىدىغان ھەممە ئىشلارغا بەرداشلىق بېرىشنى تاللايدۇ. گرېگ ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىزلار: «ئەگەر گرېگ تۈرمىگە كىرىپ كەتسە، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىمىز ئاچ قالىمىز» دېگەن.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇلارغا نىسبەتەن جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ئاچ قېلىپ ئۆلگەندىن ياخشى بولۇپ، مانا بۇ كېنىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن «بالىلارغا خۇمار ئىشقىۋازلىق» ئارامگاھىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك... ھەقىقىي نامراتلىقنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغانلار ئۇنداق ئامالسىزلىقنى ۋە ئۈمىدسىزلىكنى ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن.

گەرچە ھەر قانداق دۆلەتتە بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك شەھۋانى قىلمىشلار شۇ دۆلەت قانۇننىڭ قىزىل سىزىقى بولسىمۇ، لېكىن بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە باسقۇنچىلىق جىنايىتى يەنىلا تۈگىمەي كەلگەن. بەزى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كىشىلەرنىڭ «بالىلارغا خۇمار ئىشقىۋازلىق»تىن ئىبارەت بىنورمال ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار جىنسىي سودا بازىرىغا توختىماي ئېقىپ كىرگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى 150 مىليون قىز بالا ۋە 73 مىليوندىن ئارتۇق ئوغۇل بالا جىنسىي سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولغان.

بېنگال (孟加拉)دا دائۇلاتدىيا (Daulatdia) دەپ بىر كەنت بولۇپ، كىچىككىنە بۇ كەنت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاھىشە كەنتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كەنتتىكى دەللاللار تېخىمۇ كۆپ پاھىشىۋازلارنى جەلپ قىلىش ۋە «مۇلازىمەتچى» قىزلارنىڭ بەدىنىنى تېخىمۇ تولغان كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى توختىماي ھورمۇن دورىلىرىنى ئىچىشكە مەجبۇرلىغان. لېكىن بۇنداق دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا بۇ قىزلارنىڭ ھاياتىغا ئىنتايىن چوڭ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن قىزلار مۇشۇ سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان. باشقىلارنىڭ خورلىشىغا ۋە تاياق-دۇمبالىرىغا ئۇچراش ئۇلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالغان بولۇپ، بولۇپمۇ نامرات ۋە قالاق جايلاردىكى بالىلار جىنسى سودىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قالغان.

بۇ خىل بالىلارنى جىنسى سودىنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ئەھۋالى پەقەت بېنگالدىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادا مەۋجۇت دېيىشكە بولىدىغان بولۇپ، كامبودژا (柬埔寨)نىڭ بىر چەت ياقىدىكى كەنتىدە دەللاللار قىلچە تەپ تارتماستىن كوچىدىلا «خېرىدار» ئىزدەيدىكەن. بۇ يەردىكى «مۇلازىمەتچى»لەرنىڭ كۆپ قىسىمى بالىلار بولۇپ، ئەڭ كىچىكى ئەمدىلا 5 ياش، ئەڭ چوڭى 14 ياش ئىكەن. پەقەت 10 دوللار بەرسىلا ئۇلار پاھىشىۋازلارنىڭ ھەر قانداق تەلىپىنى ئورۇندايدىغان بولۇپ، بۇ يەرنى بالىلارنى خورلايدىغان «نەس باسقان كەنت» دېيىشكە بولىدۇ.

بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرو (里约热内卢)دىن فورتارېسا (福塔雷萨)غا تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول «قاباھەتلىك يۇقىرى سۈرئەت تاشيولى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە نەچچە مىڭلىغان بالىلار «خېرىدار» كۈتۈپ تۇرىدىكەن. پەقەت 8 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 78 يۈەن) بەرسىلا، بەدىنى ئاجىزلاپ ھەم ئورۇق ھەم قارىداپ كەتكەن بۇ قىزلار يۈك ئاپتوموبىلغا چىقىپ مۇلازىمەت قىلىدىكەن ھەمدە ئىش تۈگىگەندىن كېيىن پاھىشىۋاز ئۇلارنى تېپىپ چۈشۈرۈۋېتىدىكەن.

ئۇنداقتا بۇ قاباھەتلىك جىنسى سودىنىڭ جىنايەت مەنبەسى زادى نېمە؟

شۈبھىسىزكى، خەيرى-ساخاۋەت تونىغا ئورىنىۋالغان «بالىلارغا خۇمار ئىشقىۋازلىق» ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھايۋانلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما، يامان ئادەملەرنىڭ ئۆز بالىسىغا جىنسى پاراكەندىچىلىك قىلىشىغا سۈكۈت قىلغان، ھەتتا ئۆز قولى بىلەن بالىسىنى پاھىشىخانىغا سېتىۋەتكەن ئاتا-ئانىلارمۇ پەردە ئارقىسىدىكى ھەقىقىي قارا قول بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بالىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇشى، تەربىيەلىنىشى مۇھىم ئەمەس، ئۇلارغا نىسبەتەن بالىلىرىنىڭ پۇل تېپىش قۇرالى بولۇپ، كۆپ پۇل تېپىشى ھەممىدىن مۇھىم. بەلكىم كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ قاباھەتلىك سودىنى نامراتلىققا دۆڭگەپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەڭ قورقۇنچلۇقى نامراتلىق ئەمەس، بەلكى نامراتلىققا كۆنۈپ قېلىش ۋە نامراتلىقتىن رازى بولۇشتۇر! بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز تىنى ئارقىلىق يېمەكلىك ۋە ماددىي بويۇمغا ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىردەملىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق، يامان كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە توختىماي زىيانكەشلىك قىلىشىغا، خورلىشىغا يول شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەرگىنى خالاس.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كېنىيەدىكى بالا پاھىشىلەرنىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالى

كېنىيە (肯尼亚) بولسا ئافرىقا قىتئەسىدىكى نامرات بىر دۆلەت. بۇ دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئارقىدا قېلىشى سەۋەبلىك بۇ دۆلەتتىكى كىشىلەر ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك ئىسكەنجىسىدە قالغان، ھەتتا بۇ يەردىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كۈن ئېلىشىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالغان.