ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامىتاب باچچان بوللىۋودتا 52 يىلنى تاماملىدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-02 16:57

بوللىۋود شاھىنشاھى ئامىتاب باچچان ھىندى تىلى كىنوچىلىقىدا 52 يىلنى تاماملىدى. ئۇنىڭ تۇنجى كىنوسى «Bhuvan Shome» بولسا 1969-يىلى قويۇلغان. بۇ گىگانت چولپان كىنوچىلىقتا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق خىزمەت قىلدى. ئامىتاب باچچان توردا يازما ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ سەپىرىنى قۇتلۇقلىدى.

ئامىتاب باچچاننىڭ بوللىۋودتىكى دەسلەپكى كىنولىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغان بولۇپ، بەختكە يارىشا، 1973-يىلىدىكى كىنو «زەنجىر» (Zanjeer) بىلەن تونۇلۇپ، ئاخىرىدا ھىندىستان كىنوچىلىقى تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرا ئاخىرلىرىدىن 90-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە، ئامىتابنىڭ كەسپىدە ئون يىلدىن ئارتۇق چېكىنىش كۆرۈلگەن، بەختكە يارىشا 2000-يىلى كىنو «قىزىل يوپۇرماق» (Mohabbatein) بىلەن كۈچلۈك ھالدا قايتىپ كەلگەن ھەمدە كەسپىي ھاياتىدىكى يېڭى بىر پەللىنى كۈتۈۋالغان.

ئامىتاب ئۆزىنىڭ بوللىۋودتا شۇنچە كۆپ ھوسۇلغا ئېرىشكەنلىكىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ھايات ئۇنىڭغا كۆپلىگەن تەجرىبىلەرنى ئۆگەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرسى مەغلۇبىيەتكە قارىماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئىكەن. بۇ پىشقەدەم چولپان ھېلىھەم فىلىم سۈرەتكە ئېلىش مەيدانلىرىدا ھارماي ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ زېھنى ۋە تەلەپچانلىقى ياش ئارتىسلارغا ئۈلگە بولالايدۇ. قامال مەزگىلىدە ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا داۋاملىق كونا ئەسلىمىلىرىنى ھەمبەھىرلەپ، مەستانىلىرىغا خۇشاللىق ئاتا قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامىتاب باچچان بوللىۋودتا 52 يىلنى تاماملىدى

بوللىۋود شاھىنشاھى ئامىتاب باچچان ھىندى تىلى كىنوچىلىقىدا 52 يىلنى تاماملىدى.