ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋېلىسىپىت مىنىۋاتقاندا لەگلەكنىڭ يىپى بوينىنى كېسىۋېتىپ ئۆلۈپ كەتتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-14 16:18

بىرازىلىيەلىك 23 ياشلىق فىلاۋىيان (Flaviane Ferreira dos Reis) ئەسلىدە بەختلىك ئائىلىدە ياشاۋاتاتتى، 6-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇ ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مائارىپ ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ مۇھەببەتلەشكىنىگە بەش يىل بولغان ئوغۇل دوستى رىكاردو ( Ricardo Manuel Souza ) بىلەن بۇ ئىككىسىگە چايمۇ ئىچۈرۈلۈپ بولغان ھەمدە 7-ئاينىڭ 10-كۈنى فىلاۋىئان 24 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە بىللە ساياھەت قىلىشنى پىلانلىغان.

ئەمما بەخىتسىزلىكنىڭ كېلىشى بەكلا تۇيۇقسىز بۇلۇپ قالغان. ھەر شەنبە كۈنى فلاۋىيان ئوغۇل دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ھەپتە ئاخىرىنى بىللە ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 3-كۈنى كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ موتسىكلىتىنى مىنىپ ئوغۇل دوستىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان.

رىكاردو سائەت 16دىن 49مىنۇت ئۆتكەندە قىز دوستىنىڭ يولغا چىققانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغان، ئۇ ئەسلىدە ئىنتايىن خۇشال ھالدا قىز دوستىنىڭ كېلىشىنى كۈتكەن، ئەمما سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن كەلگەن جىددىي تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، خادىملار ئۇنىڭغا قىز دوستىنىڭ كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان، رىكاردو نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە، فلاۋىياننىڭ نەپىسىمۇ توختاپ قالغان.

ئەمما فلاۋىياننىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇ يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ كەتكەن لەگلەكنىڭ يىپى بوينىغا يۆگىشىپ قالغان ھەم بوينىنى كېسىۋەتكەن. گەرچە جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا فلاۋىياننىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان.

ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ۋەقە يۈز بەرگەندە يېقىن ئەتراپتا لەگلەك ئۇچۇرۇۋاتقان ئادەم يوق ئىكەن، ئۇلارنىڭ پەرىزىچە بۇ ئەجەللىك لەگلەك يىپى لەگلەك بىللە يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولنىڭ رايونىغا كېلىپ قالغان بولۇپ، فلاۋىياننىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىغان ئىكەن.

ئەسلىدە بولغۇسى ئايالى بىلەن يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاشقا تەييارلىنىپ بولغان رىكاردو بۈگۈنكى كۈندە پەقەت چەكسىز ئېچىنىشتا قالغان، ئۇ كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «فلاۋىيان تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئىشلار بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بىز بىللە بولغىلى بەش يىل بولدى، پات ئارىدا توي قىلاتتۇق، ئۇنىڭ تۇرمۇشى تېخى ئەمدىلا باشلانغان...»
نۆۋەتتە بۇ لەگلەك يىپىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有