ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭى تىپتىكى خىمىيەلىك كاتالىزاتور سولياۋ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-14 16:26

پولى پىروپىلېن (polypropylene) دۇنيادا ئىككىنچى قېتىم كەڭ ئىشلىتىلگەن سولياۋ، پىروپىلېن (丙烯) بولسا ئۇنى سىنتېزلاشنىڭ خام ئەشياسى. يېقىندا مىچگان داشۆسىنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى بىر خىل يېڭى تىپتىكى خىمىيەلىك كاتالىزاتورنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، تەبىئىي گازنى كاتالىزلاپ پىروپىلېن ياساش رېئاكسىيەسىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئۆمرى نۆۋەتتە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان كاتالىزاتورنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇ خىل يېڭى تىپتىكى كاتالىزاتور پىلاتىنا (Platinum) ۋە قەلەي نانومېتىر دانچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ نانومېتىر دانىچىلىرى سىلىتسىي (IV) ئوكسىدى رامكىسى بىلەن تىرەپ تۇرىدۇ. ئاليۇمىن ئوكسىد قەلەي بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، ئۇنى پلاتىنادىن ئايرىۋېتىدۇ ھەمدە كاتالىزاتورنى پارچىلايدۇ، يېڭى تىپتىكى كاتالىزاتور بولسا بۇ خىل رېئاكسىيەدىن ساقلىنىدۇ، شۇڭا ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.

تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «يېڭى تىپتىكى كاتالىزاتورنى تاۋارلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى بولسا قايتا ھاسىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، رېئاكسىيەدىكى كاربوندىن بۇلغانغان كاتالىزاتور ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە قايتا ھاسىل قىلىش سىستېمىسى ئېچىشتىن ئىبارەت».

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭى تىپتىكى خىمىيەلىك كاتالىزاتور سولياۋ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

پولى پىروپىلېن (polypropylene) دۇنيادا ئىككىنچى قېتىم كەڭ ئىشلىتىلگەن سولياۋ، پىروپىلېن (丙烯) بولسا ئۇنى سىنتېزلاشنىڭ خام ئەشياسى.