ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېقىلىدىغان گۆشخور ھايۋانلار ئىنسانلاردىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-02 17:02

ئادەم ۋە ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ پاتوگېنى (病原体) ھايۋانات پارازىت ئىگىسىنىڭ تېنىدە ھايات قېلىشى، توساتتىن ئۆزگىرىشى ھەمدە باشقا ھايۋانلارنىڭ تېنىگە تارقىلىپ ئىنسانلارنى يۇقۇملاندۇرۇشى مۇمكىن. يېقىندا «ھۈجەيرە دوكلاتى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گۆشخور ھايۋانلار ئىچىدىكى ئۈچەي يولى ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈچ ھالقىلىق گېن ئەسلىدىكى ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا كەمتۈكلۈك پەيدا قىلىپ، گۆشخور ھايۋانلارنى كېسەللىك ئالامىتى يوق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى ئېلىپ يۈرگۈچىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بۇ گېنلار ئەسلىدە ياللۇغلۇق تەنچە دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىل بىرىكمە ماددىسى ھاسىل قىلىپ، ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى جانلاندۇرىدۇ ھەمدە كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى چېكىندۈرىدۇ. ئەمما، گۆشخور ھايۋانلار ئىچىدە بۇ گېنلار يەنىلا مەۋجۇت، ئەمما ئىپادىلەنمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر گېندا ئالاھىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئىككى خىل سىستىن ئاقسىل ئېنزىمىنىڭ ئىقتىدارى ئۆزگىرىپ، ھايۋانلارنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا بولغان ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. گەرچە گۆشخور ھايۋانلارنىڭ يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى بولغانلىقتىن، ئۇلار ئىچ سۈرۈش ئارقىلىق ئۈچەي يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلىغان بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار ئۇنىڭ بەدىنىدىكى باشقا ئورۇنلارغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ بايقالمايدۇ.

بۇلغۇن (水貂)، ئىت ۋە مۈشۈك قاتارلىق گۆشخور ھايۋانلار ھايۋانات مەنبەلىك جىنسىي كېسەللىك پلازمىسىنى ئەڭ ئاساسلىق ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بولۇپ، بۇ ھايۋانلار بېقىلغاندا، يوشۇرۇن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆزگىرىشى مۇمكىن ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانلارغا تارقىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېقىلىدىغان گۆشخور ھايۋانلار ئىنسانلاردىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى

ئادەم ۋە ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ پاتوگېنى (病原体) ھايۋانات پارازىت ئىگىسىنىڭ تېنىدە ھايات قېلىشى، توساتتىن ئۆزگىرىشى ھەمدە باشقا ھايۋانلارنىڭ تېنىگە تارقىلىپ ئىنسانلارنى يۇقۇملاندۇرۇشى مۇمكىن.