ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھىندىستانلىق يىگىت سۈزگۈچى يوق ھاۋا تازلىغۇچ كەشىپ قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 09:15

سۈزگۈچ يوق ھاۋا تازىلىغۇچنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ يېقىندا ھىندىستانلىق كەشپىياتچى دالىيانى سۈزگۈچ ئىشلەتمەيدىغان ھاۋا تازىلىغۇچنى كەشىپ قىلدى. داليانى 2017-يىلى Praan شىركىتىنى قۇرغان، باھاسى ئەرزان ھەمدە ئىشلىتىلىشى كەڭ ئۆي سىرتى ھاۋاسىنى تازىلىغۇچ بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. Praanنىڭ نىشانى دۇنيا بويىچە تۇنجى سۈزگۈچسىز تازىلىغۇچ لايىھەلەشتىن ئىبارەت. بۇ ئۈسكۈنە ئۇل ئەسلىھەلەرگە ئورنىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھاۋانى كۆپرەك تازلىيالايدۇ.



Praanنىڭ ئۈسكىنىسىنىڭ ئېگىزلىكى 176 سانتىمېتىر، يول چىراقلىرى، ياتاق بىنالىرى ۋە مەكتەپلەرگە ئاسانلا ئورناتقىلى بولىدۇ. داليانىنىڭ دېيىشىچە، ئىككى ئۈسكۈنىنىڭ باھاسى ئەڭ يېڭى iPhone Proغا يەتمەيدىكەن. ئەڭ يېڭى iPhone Proنىڭ ھىندىستاندىكى سېتىلىش باھاسى 1830 ئامېرىكا دوللىرى (11 مىڭ 800 يۈەن).

داليانى كەشىپ قىلغان يەككە تازىلاش قۇرۇلمىسى مىنۇتىغا توققۇز كۇب مېتىر ھاۋا سۈمۈرىدىكەن ھەمدە 11540 كۇب سانتىمېتىر بۇلغىما ساقلايدىكەن. بۇلغىما يىغىش قاچىسىنى ھەر ئىككى ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم تازىلاش كېرەك، كونكرېت ۋاقتى ئۆي سىرتىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىگە قاراپ بەلگىلىنىدىكەن.



ئۇنىڭدىن باشقا، داليانى ۋە ئۇنىڭ ئەترىتى يىغىۋالغان بۇلغىمىلارنى ئاددىيلا تاشلىۋېتىشنى ئويلاشمىغان. ئەكسىچە، ئۇلار «كېرەكسىز نەرسىلەردىن پايدىلانماقچى». قاچىدا يىغىلغان كاربوننى Carbon Craft Design ناملىق يەنە بىر ھىندىستان شىركىتىگە تەمىنلەيدۇ. بۇ شىركەت پاراشوكسىمان بۇلغىمىدىن پايدىلىنىپ مودا قول ھۈنەر سەنئىتىدىكى بېزەك خىش ياسايدۇ. كاربون بۇلغىمىسىنى بوياق ماتېرىيالى قىلىپ تاش قېزىش مەيدانىدىكى كېرەكسىز تاش ماتېرىياللىرى ۋە سېغىز توپا ياكى سېمونت قاتارلىق يېپىشتۇرغۇچى ماددىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن كېسىپ نەپىس بېزەككە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئاشخانا، ماگىزىن ۋە مېھمانسارايلار بۇ خىشلارنى ئىشلىتىپ پولدا ھەر خىل نەقىشلەرنى چىقىرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھىندىستانلىق يىگىت سۈزگۈچى يوق ھاۋا تازلىغۇچ كەشىپ قىلدى

سۈزگۈچ يوق ھاۋا تازىلىغۇچنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ يېقىندا ھىندىستانلىق كەشپىياتچى دالىيانى سۈزگۈچ ئىشلەتمەيدىغان ھاۋا تازىلىغۇچنى كەشىپ قىلدى.