ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى قىزچاققا باسقۇنچىلىق قىلىشقا چېتىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 09:40

يېقىندا، ئەنگلىيەنىڭ سانتۇس جورجۇس باشلانغۇچ مەكتىپىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەن بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئىككى ئوقۇتقۇچىسى بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلغان ۋە باسقۇنچىلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن. بۇ ئىككى ئوقۇتقۇچى بولسا 44 ياشلىق جۇلى مورىس (Julie Morris) بىلەن 52 ياشلىق داۋىد مورىس (David Morris) ئىكەن.

ئۇلار بۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئون يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولۇپ، جۇلى بولسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇدىرى مارك گىروگېن دەرھال بىر پارچە يازما ئېلان قىلىپ، يازمىسىدا بۇ ئىككىسىنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ مەكتەپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى، مەكتەپنىڭ بۇلارنىڭ شەخسىي ھەرىكىتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.



جۇلى 13 ياشتىن تۆۋەن قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىشقا ياردەملەشكەن ۋە كۈشكۈرتكەن ھەمدە بالىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە قۇتراتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋىد 13 ياشتىن تۆۋەن قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە 13 ياشتىن تۆۋەن بىر قىزنى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشىگە قۇترىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ساقچىلار بۇ ئىشقا ئارىلاشقاندىن كېيىن، دەرھال تەكشۈرۈپ ئىسپات ئالغان.



چۈنكى بۇ ئىش نۇرغۇن بالىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشتا كۆپچىلىك پىكرىمۇ ناھايىتى چوڭ، شۇڭا ئۇلار بۇ ئىشنى ئىنتايىن ئەستايىدىل ھەم تېز سۈرئەتتە تەكشۈرمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بۇ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىنى ناھايىتى ياخشى ۋە ئاق كۆڭۈل ئادەم، دەپ قارايدىكەنتۇق، شۇڭا بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭ بۇنداق قىلمىشلارنى قىلىشىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەن. نۆۋەتتە بۇ ۋەقە تەكشۈرۈلۈپ بېكىتىلگەن، شۇنداقلا بۇ جىنايى قىلمىشنىڭ مەكتەپتە يۈز بەرمىگەنلىكى دەلىللەنگەن. يېقىندا ئۇلار لىۋېرپول خان جەمەتى سوتىدا سوتلىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى قىزچاققا باسقۇنچىلىق قىلىشقا چېتىلدى

يېقىندا، ئەنگلىيەنىڭ سانتۇس جورجۇس باشلانغۇچ مەكتىپىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەن بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئىككى ئوقۇتقۇچىسى بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلغان ۋە باسقۇنچىلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن.