كىرېمل سارىيى باياناتچىسى: ئايرىپ كۆزىتىش پۇتىننىڭ خىزمىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىرېمل سارىيىنىڭ باياناتچىسى پېسكوف 14-سېنتەبىر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «زۇڭتۇڭ پۇتىن موسكۋا شەھەر سىرتىدىكى نوۋېي ئاگالېۋا (новое огалево) سارىيىدا ئايرىپ كۆزىتىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئايرىپ كۆزىتىلىشى ئۇنىڭ توردا خىزمەت بېجىرىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ».
پېسكوف يەنە مۇنداق دېگەن: «ئايرىپ كۆزىتىلىش زۇڭتۇڭنىڭ خىزمىتىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، پەقەت بىر مەزگىل ئىچىدە ھېچقانداق يۈز تۇرانە پائالىيەت بولمايدۇ. بۇ ئۇنىڭ خىزمەت سىجىللىقىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، زۇڭتۇڭ سىن يىغىنى شەكلى ئارقىلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. زۇڭتۇڭ پۇتىن ئايرىپ كۆزىتىلگەن مەزگىلدە، كۈندىلىك خىزمەت ۋاقىت جەدۋىلىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىدۇ».
پىسكوف پۇتىننىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.