ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىنادىن سەكرىۋالغان ئەر بىر بوۋاينىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئىككىلىسى نەق مەيداندا قازا قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-22 17:11

يونكېرس (Yonkers) ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، 20-سېنتەبىر كەچتە قاتتىق ئازابلانغان بىر ئەر بىر ياتاق بىناسىنىڭ 12-قەۋىتىدىن سەكرەپ دەل بىنا ئاستىدىكى يەنە بىر ئەرنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ھەمدە ئىككىسى نەق مەيداندا قازا قىلغان.

ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، 25 ياشلىق بىر ئەر يونكېرستىكى بىر ياتاق بىناسىدىن سەكرەپ، بىر بېتون ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈپ كېتىپ، ئۇدۇل كېلىپ قالغان 61 ياشلىق بىر ئەرنىڭ ئۈستىگىلا چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىسى نەق مەيداندا قازا قىلغان.

ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «تەكشۈرۈش خادىملىرى ھازىر بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتىدۇ ھەمدە كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ۋەقە تاسادىپىي توغرا كېلىشتىن كېلىپ چىققان تىراگېدىيەگە ئايلىنىپ قالدى. نۆۋەتتە تەكشۈرۈش يەنىلا داۋاملاشماقتا».

中央广播电视总台 央广网 版权所有