ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

برازىلىيە ئارابىكا قەھۋەسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇ يىل %40كە يېقىن ئازلاپ كېتىشى مۇمكىن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-22 17:31

برازىلىيە دۇنيا بويىچە قەھۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت، بىراق يەنە بىر قېتىملىق قىرو ئۈششۈكى ۋە قۇرغاقچىلىق بۇ يىل برازىلىيە قەھۋەسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى زور دەرىجىدە كېمەيتىۋەتتى. ئورگانلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل برازىلىيەنىڭ ئارابىكا قەھۋەسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 12 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى يارىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىلگىرى يىللاردىكى 9-ئايدا، برازىلىيىەنىڭ قەھۋە دېھقانلىرى مول ھوسۇل ئالغان قەھۋە پۇرچىقىنى ئامبارغا توشقۇزىدىغان بولۇپ، يۈك ئاپتوموبىللىرى بىر كۈن ئۆچرەت تۇرۇپ ئاندىن مال ئالالايتتى، ئەمما بۇ يىل برازىلىيىنىڭ قەھۋە مەھسۇلات مىقدارى شۇنچە ئاز بولغاچقا، ئۇزۇن توشۇش ئەترىتى ئاساسەن غايىپ بولدى.

بىرازىلىيە زىرائەت مۆلچەر ئورگىنى Conabنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل بىرازىلىيەنىڭ ئارابىكا (arabica) قەھۋەسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىدىن % 40كە يېقىن ئازىيىپ، 2009-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. مەھسۇلاتنىڭ كېمىيىش كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قەھۋە ئىستېمال دۆلىتى ئامېرىكىنىڭ قەھۋە ئىستېمال مىقدارىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا توغرا كېلىدۇ.

مەھسۇلاتنىڭ كېمىيىشى پۈتۈن يەر شارىدىكى قەھۋە پۇرچىقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇپ، قەھۋە باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ICE ئارابىكا قەھۋەسىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى تەخمىنەن %45 ئۆسكەن.

بۇ يىل نۇرغۇن جايلاردا قۇرغاقچىلىق ۋە قىرو ئۈششۈكى ئاپىتى برازىلىيە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، بىرازىلىيەنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى چوڭ-كىچىك يىل قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغان بولۇپ، بۇ يىل دەل مەھسۇلات مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولغان بىر يىلغا توغرا كەلدى.

Conabنىڭ 21-سېنتەبردىكى دوكلاتىدا مۆلچەرلىشىچە، بىرازىلىيە دېھقانلىرى بۇ يىل 30 مىليون 700 مىڭ خالتا ئارابىكا قەھۋەسى يىغىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما بۇلتۇر 48 مىليون 800 مىڭ خالتا ھوسۇل ئالغان بولۇپ، بىر خالتىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 60 كىلوگىرام كېلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

برازىلىيە ئارابىكا قەھۋەسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇ يىل %40كە يېقىن ئازلاپ كېتىشى مۇمكىن

برازىلىيە دۇنيا بويىچە قەھۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت، بىراق يەنە بىر قېتىملىق قىرو ئۈششۈكى ۋە قۇرغاقچىلىق بۇ يىل برازىلىيە قەھۋەسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى زور دەرىجىدە كېمەيتىۋەتتى.