ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئادەم بولۇشتا كۈلۈپ ئۆتكۈزۋېتىشنى بىلش كېرەك!

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-23 14:47

 

ئادەمنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ، مەيلى ياخشى ياشىسۇن ياكى يامان ياشىسۇن ئۆمرى 30000 كۈندىن ئاشاممايدۇ، شۇڭا ھاياتتا ياخشى ياشاشنى بىلىشى، ھەر قانچە ئىش بولۇپ كەتسىمۇ كۆڭۈلنى بىئارام قىلماسلىقى كېرەك.

ئادەمنىڭ ھاياتى بىر قېتىملا كېلىدۇ. مەيلى خۇشاللىق، مەيلى قايغۇ بولسۇن، ھەممىسى بىردەمدە ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، ياشىغاندىن كېيىن ياخشى، ئاددىي، كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىچىدە خۇشال خۇراملىق بىلەن ياشاش كېرەك.

بىر قوشۇق تۇزنى ئىستاكانغا قۇيسا، بەك تۇزلۇق بولۇپ كېتىدۇ. بىر قوشۇق تۇزنى كۆلگە تۆكسەك، بەك تۇزسىز بولۇپ قالىدۇ. كۆڭۈلسىز ئىشلار تۇزغا ئوخشايدۇ، تۇزلۇق ياكى تۇزسىز، ئاچچىق ياكى تاتلىق بولىشى، بۇ كۆكسى قارنىنىڭ تار-كەڭلىكىگە باغلىق.

ھەرقانچە ناچار كەيپىياتمۇ، بىر ئۇخلاپ قوپساقلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ؛ بارلىق قويۇپ بەرگىلى بولمايدىغان ھېسسىيات، بىزنى ئۆزىمىزنى تونۇش يولىغا باشلايدۇ. باشقىلار كۆڭۈل بۆلسە، چىن كۆڭلىڭىز بىلەن قەدىرلەڭ، بىزار بولسا، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭ.

باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ياشىغاندىن، ئۆزىڭىز بولۇپ ياشىغان ياخشى؛ ئۆز قەلبىنى ئەركىن قويۇپ ياشاش ئادەمنى ئازدىلىككە باشلايدۇ، باشقىلارغا تىلىنىپ ياكى ئۈمىد كۈتۈپ ياشىغاندىن، ئۆزىمىز بولۇپ ياشىغىنىمىز ئەۋزەلدۇر.

ئادەمنىڭ ئۆمرى پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا، شۇڭا ھەرگىز ئۆمرىڭىزدە ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلماڭ!

بەخت ھېس قىلىشتىن كېلىدۇ، خۇشاللىق روھىي ھالەتتىن كېلىدۇ، راھەتلىك تاللاشتىن كېلىدۇ. ئەگەر ئۇلار سىزنىڭلا بولسا، مەيلى سىز ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسىڭىزمۇ بىكار، ئۇ ئەسلا يېنىڭىزدىن كەتمەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بولمىسا، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى ئىلكىڭىزدە تۇتۇپ قالالمايسىز!

ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، ئىدىيىڭىزنى ئوچۇق، كەڭرى تۇتۇڭ، مۇلايىمراق بولۇپ، مۇلايىملىقنىڭ ئۆزى بىر سۆلكەت، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىسىز! ئوچۇق-يورۇق بولۇڭ، كۈلكىڭىز تېخىمۇ يارقىن بولۇپ بەختلىك كۈلەلەيسىز!

ھەقىقىي ئۆزى بۇلۇشتا: ياسالمىلىق، خۇشامەتچىلىك قىلىش بىھاجەت! ئىشلىرىنى ئەستايىدىل قىلىپ ئاددىي ياشاپ، ئۆز يولىدا ياخشى ئادەم بولۇپ، كۈلۈپلا ئۆتكۈزۈۋېتىشنى بىلىش كېرەك!

قانچە ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇپ، ئەستايىدىل ۋە تىرىشچان بولسىڭىز، مۇلايىم ۋە ئەخلاقلىق بولسىڭىز، شۇنچە كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىسىز. گۈزەل، خۇشال كۈنلەرمۇ سىزنى باغرىغا ئالىدۇ!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئادەم بولۇشتا كۈلۈپ ئۆتكۈزۋېتىشنى بىلش كېرەك!

ئادەمنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ، مەيلى ياخشى ياشىسۇن ياكى يامان ياشىسۇن ئۆمرى 30000 كۈندىن ئاشاممايدۇ، شۇڭا ھاياتتا ياخشى ياشاشنى بىلىشى، ھەر قانچە ئىش بولۇپ كەتسىمۇ كۆڭۈلنى بىئارام قىلماسلىقى كېرەك.