ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا پۇردۇ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئەڭ ئاق سىرنى تەتقىق قىلىپ چىقتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-23 15:05

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پۇردۇ داشۆسى (Purdue University)نىڭ تەتقىقاتچىلىرى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئاق سىرنى تەتقىق قىلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، دۇنيا جىننېس رېكورتى ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلاندى. بۇ تەتقىقاتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى توسۇشقا ياردەم بېرىشتى ئېبارەت.

ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى پىروفېسسورى رۈەن شيۇلىن (阮秀林) مۇنداق دېدى: «يەتتە يىل ئىلگىرى بۇر تۈر باشلانغاندا، بىز <ئېنېرگىيە تېجەش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش>نى نىشان قىلغان».

بۇ خىل سۇۋالغۇ قۇياش رادىياتسىيەسىنى %98.1 ئەتراپىدا قايتۇرالايدۇ، يەنە ئىنفرا قىزىل نۇر تارقىتىپ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل سۇۋالغۇنىڭ قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى قويۇپ بەرگەن ئىسسىقلىق مىقدارىدىن ئاز بولغاچقا، سۇۋالغۇنىڭ يۈزى سوۋۇپ ئەتراپتىكى تېمپىراتۇراسى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇراسىدىن تۆۋەن بولىدۇ، توك كۈچى ئارقىلىق سوۋۇتۇش ھاجەتسىز. بۇ خىل يېڭى سۇۋالغۇنىڭ بازاردىكى ئاق سۇۋالغۇلار بىلەن بولغان پەرقى روشەن ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە ئىسسىقلىقنى قايتۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن سۇۋالغۇلار پەقەت %80تىن %90كىچە قۇياش نۇرىنى قايتۇرالايدۇ. بۇ تەتقىقات ئەترىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر يېڭى سۇۋالغۇدىن پايدىلىنىپ تەخمىنەن 1000 كۋادرات ئىنگلىز چىسى(平方英尺) كېلىدىغان ئۆگزە يۈزى سۇۋىسا، ئۇ تەخمىنەن 10 كىلوۋاتلىق سوۋۇتۇش قۇۋۋىتىگە تەڭ بولىدىكەن. «10 كىلوۋات» دىگەن بۇ سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ ئادەتتىكى ئۆيلەردە ئىشلىتىلىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنىڭ سوۋۇتۇش ئۈنۈمىدىن ياخشى ھېسابلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有