ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالىلار نۇسخىسىدىكى «دوۋيىن» ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-23 15:08

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قىسقا فىلىم ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانا زىجيې تياۋدوڭ (字节跳动)، يىڭى نۇسخىدىكى قىسقا فىلىم ئەپ دېتالى شياۋ چۈ شىڭ (小趣星)نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئەپ دېتال دوۋيىن (抖音) ۋە دوۋيىن يانار تاغ نۇسخىسى (抖音火山版) دىن كېيىن ئېلان قىلىنغان 3-ئەۋلاد يېڭى نۇسخىدىكى قىسقا فىلىم ئەپ دېتالى ئىكەن.

نۆۋەتتە ئەپ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى باشبەت، بايقاش، مېنىڭ قاتارلىق ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن، يۇقىرى-تۆۋەن سىيرىپ فىلىم كۆرگىلى، يۈرەك بەرگىلى بولىدىكەن، بىراق ھەمبەھىرلىگىلى ۋە ئىنكاس يازغىلى بولمايدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، شياۋ چۈ شىڭ ئاساسلىقى بالىلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن قىسقا فىلىم ئەپ دېتالى بولۇپ، ئەپ دېتالدىكى مەزمۇنلار بىخەتەر، تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن ھەم ۋاقىت بەلگىلەپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، ئىشلەتكۈچى ئابونتلارنىڭ يېشىنى تەڭشىگىكى بولىدىكەن (ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 21 ياش قىلىپ تەشىگىلى بولىدۇ)، ئابونتلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى كۆرۈش ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 مىنۇت، باشقا كۈنلەردىكى كۆرۈش ۋاقتى ۋاقىت 30 مىنۇت ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئەپ دېتالىنىڭ كۆزنى ئاسراش ھالىتى بار بولۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، بالىلار ناخشىسى، ئۇچۇر قاتارلىق 34 تۈردىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有