ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسى: نەق پۇل 10 يىل ئىچىدە يوقىلىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-28 15:24

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆپ قەغەز پۇل باسماقتا. لېكىن ئامېرىكا كورنېل داشۆسى (Cornell)نىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى، IMF جۇڭگو بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى ئېسۋار پراساد (Eswar Prasad) نەق پۇلنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ئون يىل ئىچىدە يوقاپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

ئېسۋار پراساد يېقىندا «پۇلنىڭ كەلگۈسى: رەقەملىك ئىنقىلاب پۇل ۋە پۇل مۇئامىلىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ» دېگەن يېڭى كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە پەن-تېخنىكىسى، شىفىرلاشتۇرۇلغان كاپىتال ۋە مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى (CBDC) قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك مۇھاكىمە قىلغان. ئىقتىسادشۇناس ئېسۋارنىڭ دېيىشىچە، بۇ كىتابنى يازغان چاغدىكى تەتقىقات بىزنىڭ رەقەملىك كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار پوزىتسىيە تۇتۇشقا ئۈندەيدىكەن.

ئېسۋارنىڭ قارىشىچە، يېڭىلىق يارىتىش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى رەسمىي پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، بۇ مۇلازىمەتلەرنى تېخىمۇ ئەرزان قىلىپ، ھەتتا تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىمۇ ئېرىشتۈرەلەيدىكەن. ئېسۋار بۇنىڭ خەتىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، مەسىلەن، كىشىلەر سېتىۋالغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدە رەقەملىك ئىز بولسا، شەخسىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماددىي نەق پۇلنىڭ ئورنىنى رەقەملىك چىقىم قىلىشنىڭ ئېلىشىغا ئەگىشىپ، بەزىلەر ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن، ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇ رەقەملىك پۇل مۇئامىلىنىڭ كەلگۈسى كىشىلەرنىڭ بىلىدىغىنىدىن ياخشى بولىدۇ، دەپ قارىغان.

نەق پۇلنىڭ يوقىلىدىغان-يوقالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، ئېسۋار: «كەلگۈسى بەش يىلدىن 10 يىلغىچە نەق پۇلنىڭ يەنىلا دۇنيادا يولغا قويۇشقا بولىدىغان سودا ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس، بۇ سىز ئېيتقان قايسى دۆلەت ئىكەنلىكىگە باغلىق» دېدى.

ئۇ: «مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىستېمالچىلار نەق پۇل ئىشلىتىشكە تېخىمۇ ئامراق بولسىمۇ، ئەمما كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا نەق پۇل ئىشلىتىش بىر ئاۋارىچىلىق. ئۇلار چوقۇم نەق پۇلنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئۇلار چوقۇم ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئۇلار چوقۇم نەق پۇل ساقلىشى كېرەك. نەق پۇل ئاسانلا يوقاپ كېتىدۇ ۋە ئوغرىلىنىدۇ. شۇڭا، بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ رەقەملىك شەكىلدە چىقىم قىلىشقا تېخىمۇ مايىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق. شۇڭا مېنىڭچە، مەيلى كارخانا ياكى ئىستېمالچىلار بولسۇن، تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتى بولسىلا، نەق پۇل ئىشلىتىش ئارزۇسى تېخىمۇ تېز تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا نەق پۇلنىڭ ئىمكانىيەتلىك كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ» دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسى: نەق پۇل 10 يىل ئىچىدە يوقىلىدۇ

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆپ قەغەز پۇل باسماقتا.