ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاق كۆڭۈللىكىڭىزدىن باشقىلار ئۈچۈن كۈنلۈك كۆتۈرۈپ ئۆزىڭىزنى ھۆل قىلىۋەتمەڭ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-28 16:13

图片 

تۆۋەن چېكى يوق ئاقكۆڭۈللۈك، پىرىنسىپسىز مېھرىبانلىق پەقەت قارشى تەرەپنى خالىغىنىنى قىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئادەمنىڭ سىزگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىشىنى، ھەددىدىن ئېشىشىنى، مىننەتدارلىقنى بىلمەسلىكىنى سىز كۆندۈرۈپ قويغان. ھەمىشە يول قويۇش بەدىلىگە كەلگىنى قەدىرلىنىش بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىش بولۇشى مۇمكىن. ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ چېكى بولۇشى كېرەك، باشقىلار ئۈچۈن كۈنلۈك كۆتۈرۈپ ئۆزىڭىزنى ھۆل قىلىۋېتىشىڭىزگە ھەرگىز بولمايدۇ.

图片 

1.باشقىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۆزى ئازار يېمەسلىك

ئەگەر سىز باشقىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزسىڭىز، باشقىلار سىزگە سوغۇق مۇئامىلە قىلسا، ئۇنداقتا بولدى قىلىڭ، ئۇ بۇنداق قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ.ئەگەر سىز باشقىلارنى قوغدىسىڭىز، باشقىلار سىزنىڭ يارىڭىزنى تاتىلىسا، ئۇنداقتا بولدى، ئەمدى داۋاملاشتۇرماڭ! بىر ئادەم ھەمىشە مىننەتدارلىقنى بىلمەيدىغان يەنە بىر ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ناھايىتىمۇ بىر جاپالىق ئىش. سىزنىڭ باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشىڭىز توغرا، لېكىن ھېسداشلىق قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا، بۇ ئادەم مىننەتدارلىقنى بىلىشى كېرەك. ۋاپاسىز ئادەم ياخشى كۆڭلىڭىزگە پەرۋا قىلمايدۇ، ئەكسىچە سىزنىڭ ياخشى كۆڭلىڭىزگە تايىنىپ، سىزگە ھەددىدىن ئاشۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەر بىرىمىز خۇددى كىرپىگە ئوخشايمىز، بەدىنىمىزدىكى تىكەنلەر ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، سىز بۇ «تىكەن»لىرىڭىزنى باشقىلارغا بېرىۋەتسىڭىز، ئۇلار سىزگە سانجىيدۇ. بىز ئاقكۆڭۈللۈكنى تاللىدۇق، ئاقكۆڭۈللۈك قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، لېكىن ئالدىنقى شەرتى شۇكى، قارشى تەرەپ سىزگە ئۈزلۈكسىز ئازار بېرىدىغان ئادەم بولماسلىقى كېرەك.
 

 

2.ياخشى ئادەم بولۇڭ، لېكىن تۆۋەن چېكىڭىز بولسۇن

كونىلارنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: «ئالىيجانابلار قانچە يول قويسا، پەسكەشلەر شۇنچە ھەددىدىن ئاشىدۇ». ئەگەر بەزىلەر ئاق كۆڭۈللىكىڭىزنى سىزگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئۆتكۈر قورال قىلىۋالسا، ئۇنداقتا ئۇنى ئەركە ئۆگىتىپ قويماڭ. سىز بەزىدە كۈچلۈك بولسىڭىز، ئۇ ئەكسىچە ئەندىشە قىلىدۇ. سىز ئارقىغا چېكىنسىڭىز، ئۇ سىزنى تامنىڭ بۇلۇڭىغا قىستاپ ئاپىرىپ قويىدۇ. ئالىيجانابلار بىر-بىرىگە كۆيۈنىدۇ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدۇ، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارغا ياردەم بېرىدۇ، سەھنە ھازىرلاپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، بۇ ياخشى ئىش. ئەگەر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئالىيجانابلار ئەمەس، پەسكەشلەر بولسا، ياخشى كۆڭلىڭىز بىلەن سىزگە تېخىمۇ رەھىمسىزلىك قىلىپ، سىزگە ئازار بەرسە، ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۆۋەن چېكىنى ئاشكارىلىشىڭىز كېرەك، ھەرگىزمۇ ھەمىشە يول قويماسلىقىڭىز كېرەك. كىشىلەرگە ئاقكۆڭۈللۈك بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى، بۇ ئاقكۆڭۈللۈكنىڭمۇ چېكى بار، ئۆلچىمى بار، ھەرگىزمۇ چەكلىمىسىز، ئوبيېكتنى ئايرىمايدىغان بولماسلىقى كېرەك!
 

 

3.ياخشى مۇناسىۋەتتە سىز قارشى تەرەپنىڭ يۈزىنى قىلسىڭىز ئۇمۇ سىزنى ئەتراپلىق قوغدايدۇ

بىزنىڭ بىر ئادەمگە نىسبەتەن تۆۋەن چېكىمىز بولمىسا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ قالىدۇ، ئۇنى قەدىرلىمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە تەپتارتمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئارىلىق بولمىسا، ئاقكۆڭۈللۈك باشقىلارنىڭ سىزگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىكى كوزىر بولۇپ قالىدۇ. مۇنداق بىر گەپ بار: «ئەگەر ئىدراك مەۋجۇت بولمىسا، ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ». قارغۇلارچە ئاقكۆڭۈللۈك، ئەقىلسىزلەرچە ئاقكۆڭۈللۈك، چەكلىمىسىز ئاقكۆڭۈللۈك سىزنى باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىتىدۇ. سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر سىز پەقەتلا ئاچچىقلىمىسىڭىز، سىزنى نېمە قىل دېسە رەت قىلماي قىلىپ بەرسىڭىز، دائىم باشقىلارغا ياردەم قىلسىڭىز، مىننەتدار بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بۇنى سىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىز، دەپ قارايدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئاقكۆڭۈللۈك ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى، ھەرقانداق ئادەمگە ئاجىز كۆرۈنۈپ قالماڭ. ئاقكۆڭۈل بولۇشتا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆلچىمىنى قاتتىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك، بۇنداق بولغاندا باشقىلار تۆۋەن چېكىڭىزدىن ھالقىپ سىزنى زەخىملەندۈرەلمەيدۇ. ئەڭ ياخشى مۇناسىۋەتتە چوقۇم سىز ئۇنىڭ يۈزىنى قىلسىڭىز، ئۇمۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلمايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاق كۆڭۈللىكىڭىزدىن باشقىلار ئۈچۈن كۈنلۈك كۆتۈرۈپ ئۆزىڭىزنى ھۆل قىلىۋەتمەڭ

ياخشى مۇناسىۋەتتە سىز قارشى تەرەپنىڭ يۈزىنى قىلسىڭىز ئۇمۇ سىزنى ئەتراپلىق قوغدايدۇ