ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قۇياشنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-10 16:36

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۈندۈزى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ سەيلە قىلىپ، ئىللىقلىق ۋە راھەتنى ھېس قىلىمىز. بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىڭىزدا ئاسماندا ئېسىلىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدىغان قۇياش بىر خىل مەڭگۈلۈك مەۋجۇدىيەت. لېكىن سىز قۇياش يوقالسا يەر شارىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
 

 

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قۇياش 4 مىليارد 600 مىليون يىل ئىلگىرى غايەت زور مولېكۇلارنىڭ يىمىرىلىشى پەيدا بولۇپ، بارغانسېرى مەركەزگە يىغىلىپ قۇياشنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇ ئاسترونومىيەدە سېرىق پەتەك يۇلتۇزغا تەۋە بولۇپ، رەسمىي نامى GV تۇرغۇن يۇلتۇزى، يەنى سپېكتر تىپىG، يورۇقلۇق چىقىرىش دەرىجىسى Vنىڭ ئاساسىي قاتار يۇلتۇزىنى كۆرسىتىدۇ. سېرىق پەتەك يۇلتۇزنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى تەخمىنەن 10 مىليارد يىل بولۇپ، بىزگە تونۇشلۇق بولغان قۇياش ھازىر تەخمىنەن تۆت مىليارد 570 مىليون ياشقا كىردى، بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ تەخمىنەن ئىككىدىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. اەل مۇشۇ ۋاقىتتا بەزى كىشىلەردە مۇنداق بىر سوئال پەيدا بولدى ئۇ بولسىمۇ، ئەگەر قۇياش تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قالسا، بىز قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن قۇياشنىڭ ئۆچۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز؟ 

 

ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى ئەمەلىيەتتە 150 مىليون كىلومېتىر كېلىدىكەن، نۇرنىڭ تېزلىكى تەخمىنەن سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ئىكەن، بۇ قانداق ئۇقۇم؟ ئىنسانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان پاركېر ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىمۇ سېكۇنتىغا ئاران 95 كىلومېتىر ئۇچالايدۇ. ھەرىكەت فورمۇلاسى T=S/V دىن كېيىن، بىز قۇياش نۇرىنىڭ قۇياشتىن يەر شارىغا يېتىپ كېلىشىگە كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ سەككىز مىنۇت 20 سېكۇنت ئىكەنلىكىنى يۈزەكى ھېسابلاپ چىقالايمىز. 

 

دېمەك، يەر شارىغا يېتىپ كەلگەن قۇياش نۇرى ئەمەلىيەتتە قۇياشتىن 8 مىنۇت 20 سېكۇنت بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بىز يەر شارىدىكى قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يېڭى قۇياش نۇرى بىلەن كونىسىنىڭ ئالمىشىشىنىمۇ ئېلىپ يۈرىمىز. ئۇنداقتا قۇياش نۇرىنىڭ يەر شارىغا يەتكۈزۈلۈشنىڭ تەپسىلىي جەريانى قانداق بولىدۇ؟

1920-يىلى ئەتراپىدا، ئەنگلىيەلىك فىزىكا ئالىمى ئېدىنتون(爱丁顿) «تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى» ناملىق ماقالىسىدە تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن، كېيىن سانسىزلىغان ئالىملارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق، بۇ قاراشنىڭ توغرىلىقى ئاخىرى ئىسپاتلانغان.

 

نۆۋەتتە كىشىلەر قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ كۈچلۈك يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسىدىن كېيىن سىرتقا ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئېنېرگىيەنىڭ بىز ئادەتتە پىششىق بىلىدىغان قۇياش نۇرى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇياش نۇرىنىڭ كەڭ مەنىدىكى ئېنىقلىمىسى قۇياشنىڭ بارلىق چاستوتا سپېكترىدىن كەلگەن ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئادەتتە كۆرۈۋاتقان قۇياش نۇرى قۇياش چىقارغان نۇرنى يەر شارى ئاتموسفېراسى سۈزۈپ يورۇتقاندىن كېيىن شەكىللىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن يېرىم ئېلېكتىر ماگنىت چاستوتا سپېكترى كۆرۈنىدىغان نۇرنىڭ قىسقا دولقۇن دائىرىسى ئىچىدە، قالغان يېرىمى يېقىن ئىنفرا قىزىل نۇر قىسمىدا، يەنە بىر قىسمى سپېكترنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ئىچىدە بولىدۇ.

 

ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى قۇياشتىن ئايرىلالمايلا قالماستىن، يەر شارىدىكى بارلىق ھاياتلىقلارمۇ قۇياشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر قۇياش ئۆچۈپ قالسا، بىزنىڭ ھاياتىمىز چوقۇم غايەت زور كىرىزىسقا دۇچ كېلىدۇ.

بۇ جەريان زادى قانداق ئىش؟

قۇياشنىڭ كۆيۈشى بىلەن كۆپ قىسىم ھىدروگېن يېقىلغۇسى خوراپ تۈگىسە، قۇياشنىڭ ئىچكى يادروسى گۈمۈرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا جىددىي ئۆرلەيدۇ، قۇياشنىڭ ئىچكى يادروسى ۋە سىرتقى يۈزىدە يەنىلا كۆپ مىقداردا ھىدروگېن گازى بولغاچقا، ھىدروگېن گازىنىڭ بىرىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، قۇياشنىڭ سىرتقى قەۋىتى سىرتقا كېڭىيىپ، تەدرىجىي ھالدا قىزىل گىگانت يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارايدىغان بولساق، قىزىل گىگانت يۇلتۇزغا ئايلانغان قۇياشنىڭ تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان ھالدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. قىزىل گىگانت يۇلتۇزنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئەتراپتىكى سەييارىلەرنى، ھەتتا يەر شارىغىمۇ ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. قۇياش نۇرىنىڭ يەر شارىغا يېتىپ كېلىشىگە 8 مىنۇت 20 سېكۇنت كېتىدىغان بولغاچقا، بۇ ئەگەر قۇياش ئۆچۈپ قالسا، بىزنىڭ پەقەت 8 مىنۇت 20 سېكۇنتتىلا جاننى ئېلىپ قېچىشقا ئىشلىتەلەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ 

 

قۇياشنىڭ دىئامېتىرى 1 مىليون 392 مىڭ كىلومېتىر، ماسسىسى 1 مىليون 9891×10 كىلوگىرام كېلىدۇ. مەسىلەن: ئەگەر يەر شارى بىلەن قۇياشنى سېلىشتۇرساق، قۇياش تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ يەر شارىنىڭ چوڭلۇقىدا، دىئامېتىرى يەر شارىنىڭ 901 ھەسسىسىگە، ھەجىمى يەر شارىنىڭ 1 مىليون 300 مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ سەييارىنىڭ ئۆچۈپ قالغان ھالەتتىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقاپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، بەلكى بىر قاتار مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئوخشاش بولمىغان ھالەتكە كىرىدۇ. ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قۇياشنىڭ كېڭىيىپ قىزىل گىگانت يۇلتۇزغا ئايلىنىش ھالىتى 100 مىڭ يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ماسسىسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدىكەن.

 

ئاق پەتەك يۇلتۇز بىر خىل يۇقىرى زىچلىقتىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق تۇرغۇن يۇلتۇز، لېكىن ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، بۇ خىل ھالەتتە نەچچە مىليارد يىل ساقلىنىپ، ئاندىن ئاستا-ئاستا سوۋۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا قارا پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىشى مۇمكىن. قارا پەتەك يۇلتۇز تۇرغۇن يۇلتۇز ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى، شۇنداقلا قۇياشنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى، بۇ باسقۇچتا قۇياش ئەمدى ھېچقانداق ئىسسىقلىق تارقىتالمايدۇ، شۇنداقلا ھېچقانداق نۇر تارقاتمايدۇ، ئۇزاق يىللارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، قۇياش ئاستا-ئاستا يوقىلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. لېكىن ھازىرغا قەدەر، ئالىملار ئالەمدە قارا پەتەك يۇلتۇزنى بايقىمىدى، ئاساسىي قاتار يۇلتۇزىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ قارا پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىشى مۆلچەردىكىدىن ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قۇياشنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كېتىدىغان ئېنىق ۋاقتىنى كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ.

 

ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، بىز بەلكىم ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ھەقىقىي بايقىيالىشىمىز مۇمكىن، بەلكىم قۇياشنىڭ نورمالسىزلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشقا 10 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن بۇرۇن، بىز پەقەت ھەر بىر كۈننى ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك، نېمىلا دېگەن بىلەن تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھاياتلىق ئۇزۇنلۇقىغا سېلىشتۇرغاندا، كىشىلىك ھايات ئىنتايىن قىسقا، بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلىم-پەن ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر كۈندىكى تۇرمۇشنى قەدىرلەش.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قۇياشنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

قۇياشنىڭ دىئامېتىرى 1 مىليون 392 مىڭ كىلومېتىر، ماسسىسى 1 مىليون 9891×10 كىلوگىرام كېلىدۇ.