ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلىتىمىزدە توك قاچىلاش تۈۋرۈكى داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-19 09:42

IT ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاممىۋى توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى: 2022-يىلى 9-ئايدا ئاممىۋى توك قاچىلاش تۈۋرۈكىدىن 8-ئايغا قارىغاندا 12 مىڭى كۆپەيگەن، 9-ئايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.6 ئاشقان. 2022-يىلى 9-ئايغىچە ئىتتىپاققا ئەزا ئورۇنلار جەمئىي بىر مىليون 636 مىڭ ئاممىۋى زەرەتلەش تۈۋرۈكىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۇراقلىق توكتا زەرەتلەش تۈۋرۈكىدىن 704 مىڭى، ئۆزگىرىشچان توكتا زەرەتلەش تۈۋرۈكىدىن 931 مىڭى بار. 2021-يىلى 10-ئايدىن 2022-يىلى 9-ئايغىچە، ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 49 مىڭ دانە ئاممىۋى زەرەتلەش تۈۋرۈكى كۆپەيتىلىدۇ.

ئاممىۋى توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، شاڭخەي، جېجياڭ، بېيجىڭ، خۇبېي، شەندۇڭ، ئەنخۇي، خېنەن، فۇجيەن قاتارلىق 10 چوڭ رايوندا قۇرۇلغان ئاممىۋى توك قاچىلاش تۈۋرۈكىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %71.5كە يەتكەن. مەملىكەت بويىچە توك قاچىلاش مىقدارى ئاساسلىقى گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، خېبېي، سىچۈەن، شاڭخەي، شەنشى، خۇنەن، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلەرگە مەركەزلەشكەن، توك ئېقىمى ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى ئاساس قىلىدۇ، مۇھىت تازىلىقى ئەشيا ئوبوروتى ئاپتوموبىلى، تاكسى قاتارلىق باشقا تىپتىكى ئاپتوموبىللار بىر قەدەر ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. 2022-يىلى 9-ئايدا مەملىكەت بويىچە توك قاچىلاش ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 2 مىليارد 190 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 140 مىليون كىلوۋات سائەت ئازىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %106.9 ئېشىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %5.8 ئاشقان.

زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ ئومۇمىي يۈرۈشۈش ئەھۋالى 2022-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ ئېشىش مىقدارى 1 مىليون 871 مىڭ دانە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى زەرەتلەش تۈۋرۈكىنىڭ ئېشىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %106.3 ئاشقان، ئاپتوموبىلغا سەپلەنگەن شەخسىي زەرەتلەش تۈۋرۈكىنىڭ ئېشىش مىقدارى داۋاملىق ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %352.6 ئاشقان. 2022-يىلى 9-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھەسى جەمئىي 4 مىليون 488 مىڭ دانە بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %101.9 ئاشقان.

توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسى بىلەن توكلۇق ئاپتوموبىلنى سېلىشتۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2022-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ ئېشىش مىقدارى 1 مىليون 871 مىڭ دانە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى 4 مىليون 567 مىڭ دانە بولغان، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى داۋاملىق ئاشقان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلىتىمىزدە توك قاچىلاش تۈۋرۈكى داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ

IT ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاممىۋى توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى: 2022-يىلى 9-ئايدا ئاممىۋى توك قاچىلاش تۈۋرۈكىدىن 8-ئايغا قارىغاندا 12 مىڭى كۆپەيگەن،