ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمىشقا ئاسانلا گازىر چىقىشقا خۇمار بولۇپ قالىمىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-02-10 09:05

گازىر ئاجايىپ سېھرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە، سىز ئۇنى ئانچە ياخشى كۆرمىسىڭىزمۇ، لېكىن بىر تال چېقىۋەتسىڭىزلا، ئۆزىڭىزنى كونترول قىلالمايلا ئىككىنچى، ئۈچىنچىسىنى چېقىپ قالىسىز... ئاندىن ئۇزاق ئۆتمەيلا گازىر شۆپەكلىرى كىچىك بىر تاغدەك دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ.


كۆزگە چېلىقمايدىغان گازىر نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ سېھرىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ؟

چۈنكى كىچىككىنە گازىرنى قولىڭىزغا ئېلىش ئاسان، چېقىشمۇ ئاسان، ئاسان ھاسىل بولىدىغان ۋەزىپە كىچىككىنە بىر «ئىشەنچ» نى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ھەر بىر تال گازىر چاققاندا، دەرھال بىر تال گازىر مېغىزىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، مانا بۇ «ئۆز ۋاقتىدا قانائەتلەندۈرۈش»تۇر. ئاخىرىدا، تەدرىجىي قۇرۇقدالغان گازىر دۆۋىسى بىلەن تەدرىجىي جۇغلانغان گازىر شۆپىكى ھەممىسى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان «مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى»نى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

ھەر بىر تال گازىر مېغىزى ئۈزلۈكسىز تۈردە سىزگە كىچىككىنە «ئىشەنچ» تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ، «قانائەتلىنىش» بىلەن «نەتىجە» ئاز-ئازدىن بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش روھىمىزغا ئىلھام بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىزنى بىلىپ-بىلمەي بىر تۈرلۈك قۇرۇلۇش مىقدارى زور ۋەزىپىنى تاماملاشقا مەجبۇر قىلىدۇ، بۇ باشقۇرۇش ئىلمىدىكى داڭلىق «گازىر نەزەرىيەسى» بولۇپ، ئۇ بىزگە ۋەزىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ پارچىلاشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.



شۇڭا، بىز غايەت زور خىرىسقا دۇچ كېلىپ نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالغاندا، ئۇنى بىر تال گازىر چوڭلۇقىدىكى نىشانغا بۆلۈپ سىناپ باقساق بولىدۇ. مەسىلەن، «بىر ئايدا بىر كىتابنى كۆرۈپ بولۇش»نى «ھەر كۈنى سەككىز مىنۇت كىتاب كۆرۈش» دەپ كىچىك-كىچىك نىشانلارغا ئايرىساق بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز دىققىتىمىزنى ھەربىر كىچىك تەپسىلاتلارنى بىر-بىرلەپ تارمار قىلىشقا مەركەزلەشتۈرسەك، ئادەمنى قورقىتىدىغان چوڭ قىيىنچىلىقلاردىنمۇ غالىب كېلەلەيمىز.

ياكى، بىز بىر خىل ناچار ئادەتنى تاشلىماقچى بولغىنىمىزدا، ئەكسىچە «قىيىنلاشتۇرساق» بولىدۇ .

مەسىلەن، ئەگەر سىز يانفون خۇمارىدەك «چوڭ كېسەل»نى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىڭىزغا يانفونىڭىزنى مەلۇم بىر جايغا سولاپ قويۇپ، يانفوننىڭ ئورنى ۋە مەخپىي نومۇرىنى سىز تاپشۇرۇقلىرىڭىزنى ئىشلەپ بولغاندا سىزگە ئېيتىپ بېرىدىغان قىلىپ پۈتۈشىۋېلىڭ. شۇنداق قىلىپ، «يانفون خۇمارىڭىز» قوزغالغاندا، بىرىكىشتىن ھاسىل بولغان قاتمۇقات قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ، يانفون ئويناش نىيىتىڭىزدىن يېنىپ، يۇۋاشلىق بىلەن قايتىپ داۋاملىق تەكرار قىلىسىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمىشقا ئاسانلا گازىر چىقىشقا خۇمار بولۇپ قالىمىز؟

ھەر بىر تال گازىر مېغىزى ئۈزلۈكسىز تۈردە سىزگە كىچىككىنە «ئىشەنچ» تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ،