ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئانا نېمە ئۈچۈن بالىغا شەرتسىز كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-02-10 09:07

تۇغۇتتىن كېيىنكى چىشى كىچىك چاشقان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەۋلادلىرىنى بىخەتەر جايغا ئاپىرىپ بېرىشنى خالايدۇ.

ئانا نېمە ئۈچۈن بالىغا شەرتسىز كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ؟ بىر تۈرلۈك «ھۈجەيرە دوكلاتى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار ئانا مۇھەببىتىنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىدىكى كۆرۈش ئالدى ئىچكى تەرەپ رايونى (medial preopticc area)دىكى بەزى ئالاھىدە نېۋرونلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. كىچىك چاشقان تەجرىبىسىدە، ئۇلار ئەركەك كىچىك چاشقان بىلەن چىشى كىچىك چاشقانغا سېلىشتۇرغاندا، تۇغۇتتىن كېيىنكى چىشى كىچىك چاشقاننىڭ مېڭىسىدە بۇ ئالاھىدە نېۋرونلاردىكى 20 گېننىڭ ئىپادىلەش مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، ھۈجەيرىدە تېخىمۇ كۆپ كالتسىينى تۆۋەنلەتكۈچى قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ نېۋرونلارنىڭ ئۇلارنىڭ مېڭىسىدىكى باشقا رايونلار بىلەن تۇتىشىشىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ نېۋرونلارنى چەكلىگەندە تۇغۇتتىن كېيىنكى چىشى كىچىك چاشقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى داۋاملىق بېقىۋەرمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەمدى تەتقىقاتچىلار بۇ نېۋرونلارنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ چىشى جانلىقلارنىڭ بېقىش ھەرىكىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەمدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جەرياننىڭ پىرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلاردا مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئانا نېمە ئۈچۈن بالىغا شەرتسىز كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ؟

تۇغۇتتىن كېيىنكى چىشى كىچىك چاشقان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەۋلادلىرىنى بىخەتەر جايغا ئاپىرىپ بېرىشنى خالايدۇ.