ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇدىن قايسىسى ئوتنى تېز ئۆچۈرەلەيدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-16 14:08

  ئوت ئۆچۈرگەندە، ئوت مەنبەسىگە پۈركىگەن سۇ ئالدى بىلەن سوۋۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ خىل سوۋۇتۇش سۇ قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى پارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پار كۆيۈۋاتقان يېقىلغۇ بىلەن ئاتموسفېرادىكى ئوكسىگېن ئارىسىدا توسۇق ھاسىل قىلىپ، يېقىلغۇ بىلەن ئوكسىگېننىڭ ئۇچرىشىشىنى توسىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئوت ئۆچۈرۈلىدۇ.

  سۇ باشقا كۆپ ساندىكى سۇيۇقلۇقلارغا قارىغاندا، ئوتنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆچۈرەلەيدۇ. بۇ، سۇنىڭ يۇقىرى ئىسسىقلىق سىغىمى ۋە پارلىنىش يوشۇرۇن ئىسسىقلىقىغا ئىگە بولغانلىقىدا. سۇ يۇقىرى ئىسسىقلىق سىغىمىغا تايىنىپ، ئوتنىڭ ئىسسىقلىقىنى سۈمۈرۈۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سوۋۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. سۇ قايناش نۇقتىسىغا يەتكەندە، قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلمەي، سۇ مولېكۇلالىرى ئارىسىدىكى خىمىيەلىك باغلىنىشنى بۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ جەريان پارلىنىش يوشۇرۇن ئىسسىقلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ، يەنى بارلىق خىمىيەلىك باغلىنىشلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، سۇيۇق ھالەتتىكى سۇنى پارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىسسىقلىققا ئايلاندۇرىدۇ.

  ئىسسىق سۇ بىلەن سوغۇق سۇنى سېلىشتۇرغاندا، سوغۇق سۇنى قايناش نۇقتىسىغىچە قىزدۇرۇش ھەم پارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ. ئىسسىق سۇ قايناش نۇقتىسىغا يېقىن بولغاچقا، كېتىدىغان ۋاقىت قىسقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىسسىق سۇ سوغۇق سۇغا قارىغاندا، پارلىنىش يوشۇرۇن ئىسسىقلىقىنى تېخىمۇ تېز جارى قىلدۇرالايدۇ ھەمدە ئىسسىقلىقنى تېز سۈمۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسسىق سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى يېقىلغۇ بىلەن ئوكسىگېن ئارىسىدا تېخىمۇ تېز توسۇق ھاسىل قىلالايدۇ. شۇڭا، ئىسسىق سۇ سوغۇق سۇغا قارىغاندا، ئوتنى تېز ئۆچۈرەلەيدۇ.

  ئەلۋەتتە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئىسسىق سۇ بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش نىسبىتى بىر قەدەر ئاز بولىدۇ. چۈنكى، خەتەرلىك ھەم جىددىي پەيتتە ئەتراپتىن ئوت ئۆچۈرۈشكە يېتەرلىك ئىسسىق سۇ تاپقىلى بولمايدۇ.

  تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى

中央广播电视总台 央广网 版权所有