بۇ كېسەل سۇنى ئاز ئىچكەنلىكتىن بولىدۇ!
4-ئاينىڭ باشلىرىدا، چېڭدۇ شەھەرلىك 5-خەلق دوختۇرخانىسى بىر ھەپتە ئىچىدە قان چىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىماردىن ئۈچنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى. بۇ ئۈچ بىمارنىڭ ھەممىسىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى سۇنى ئاز ئىچكەنلىكتىن بولغان.
چېڭدۇ شەھەرلىك 5-خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۈ شياۋمېي مۇنداق دېدى: ھەر يىلى ئەتىيازدا دوختۇرخانا قوبۇل قىلغان سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن قان چىرىش كېسىلى كېلىپ چىققان بىمارلار تەدرىجىي كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ بىمارلار كۆپ تەرلىگەن ئەھۋالدا ۋاقتىدا سۇ تولۇقلىماي، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىپ، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ رولى ئاجىزلاپ، قاندا باكتېرىيەلەر كۆپىيىپ كەتكەن.
شۈ شياۋمېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: كىشىلەر ئەتىياز، ياز پەسلىدە كۆپرەك سۇ ئىچىپ، پات-پات سىيىپ تۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن، سۈيدۈكنى قىسىشتىن، ۋاننىدا يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر بىماردا قىزىش، تىترەش، پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرى تېلىپ ئاغرىش، بوغۇملار ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.
تەرجىمان: نۇزىگۈل ئىمىر