ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قۇلاق تەشتۈرۈشمۇ تېببىي ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش تۈرىگە تەۋە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-13 15:51

گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كىشىلەر چىرايلىق قۇلاق بېزىكى تاقاش ئۈچۈن، قۇلاق تەشتۈرۈشنى تاللايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر قۇلاق تەشتۈرۈشنى ئادەتتىكى ئىش، دەپ قارايدۇ. شۇڭا كۆپىنچە كوچا بويىدىكى زىننەت بۇيۇملىرى دۇكىنى ياكى پەردازخانىلارغا بارىدۇ، ھەتتا ئۆزى قۇلاق تاپانچىسى سېتىۋېلىپ تېشىدۇ. بۇنىڭدا قارىماققا مەشغۇلات قىلىش قولايلىقتەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە قۇلاق تەشتۈرۈشمۇ بىر تۈرلۈك تېببىي ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش تۈرى بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس. قۇلاق تەشتۈرگەندە دېزىنفېكسىيە قىلىپ ئايرىۋېتىش تەدبىرىنى چوقۇم قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئۈسكۈنە ۋە تەشتۈرىدىغان قىسمىنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ناھايىتى يۇقىرى. مەشغۇلات ئۆلچەملىك بولمىسا، ئاسانلا قۇلاق قىسمى يۇقۇملىنىش، ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم كەسپىي ئورۇنلارنى تاللاش كېرەك.

تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى

سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قۇلاق تەشتۈرۈشمۇ تېببىي ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش تۈرىگە تەۋە

گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كىشىلەر چىرايلىق قۇلاق بېزىكى تاقاش ئۈچۈن، قۇلاق تەشتۈرۈشنى تاللايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر قۇلاق تەشتۈرۈشنى ئادەتتىكى ئىش، دەپ قارايدۇ.