«0 يۈەنلىك ئۆگىنىش» ئىشەنچىلىكمۇ؟
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا ئۆگىنىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئاتالمىش تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «0 يۈەنلىك ئۆگىنىش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە باي بولغىلى بولىدۇ، دەپ جار سالدى. ئۇنداقتا راستىنلا پۇل خەجلىمەيلا ماھارەت ئۆگەنگىلى، ئاندىن پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟
ئەمەلىيەتتە توردا تەربىيىلەشمۇ ياخشى-يامان ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، «0 يۈەنلىك ئۆگىنىش»گە ئوخشاش ئىستېمالچىلارنى ئازدۇرۇپ ھەتتا ئالدامچىلىق قىلىپ پايدا ئالىدىغان يوللارمۇ ئاز ئەمەس. توردا تەربىيەلەشنى تاللىغاندا، ئىستېمالچىلار پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، سۇپا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئالاقىدار تارماقلارمۇ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا توردا تەربىيەلەش كەسپى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلارنى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.
تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان