باش بەت<<سۈرەت ئامبىرى<<چوڭ سۈرەتلەر

«مۇز مېھمانخانا» ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-02-08 11:23

قەھرىتان سوغۇقتا كانادادىكى بىر «مۇز مېھمانخانا» ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلىنىپ، بۇ يەرگە كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ «مۇز مېھمانخانا» پۈتۈنلەي مۇز ۋە قاردىن ياسالغان بولۇپ، نەچچە ئون توننا قار-مۇز ئىشلىتىلگەن.

«مۇز مېھمانخانا» كانادانىڭ كۋېبېك ئۆلكىسىگە جايلاشقان. بۇ مېھمانخانىدا ئالدىنقى ئايدا تىجارەت باشلانغان بولۇپ، مۇزدىن ياسالغان بۇ ئۆزگىچە قۇرۇلۇش ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
高清图